دەرس ئىسلاھاتى شارائىتىدا تاشلىۋېتىشكە بولمايدىغان بىرقانچە ئەنئەنىۋى ئۇسۇل
روزىمۇھەممەد ياقۇپ
(لوپ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن)
ھەرقانداق يېڭى شەيئى كونا شەيئىنىڭ تۇپرىقىدا بارلىققا كېلىدۇ ۋە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. يېڭى شەيئى ھەرقانچە ئىلغار ۋە ئالاھىدە بولسىمۇ، ئۇنىڭ يولغا قويىدىغىنى يەنىلا ئادەم بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەنئەنىۋىلىكنىڭ نۇرغۇن ئامىلى سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. يەنە بىرتەرەپتىن، كونا شەيئىدىمۇ ئۇزاق قوللىنىلغان، ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن نۇرغۇن تەجرىبىلەر بولىدۇ. بۇ ئامىللار كونا- يېڭى شەيئىنى بىر- بىرىگە زىچ باغلاپ قالماي، يېڭى شەيئىنى يولغا قويۇشنى مول تەجرىبە بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئەگەر بۇ باغلىنىش يوققا چىقىرىلسا ياكى ئۈزۈۋېتىلسە يېڭى شەيئى مەنبەسىز سۇ، يىلتىزسىز دەرەخكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى بولمايدۇ. ئېلىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان سەككىز قېتىملىق دەرسلىك ئىسلاھاتى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك ۋە پەرقلەرگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ھەرگىز يەككە- يىگانە مەيدانغا چىققان ئەمەس. ماڭا ۋە باشقىلارغا بىرقەدەر تونۇش بولغان 90- يىلىدىن بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى مائارىپ، 90- يىللاردىكى نىشانلىق ئوقۇتۇش، ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان دەرس ئىسلاھاتىنى ئالساق، ئۇلار ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جەھەتتىن بىر قەدەر روشەن خاسلىققا ۋە پەرقلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا دەرسلىكتىلا ئەمەس، ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدىمۇ بەزى ئۆزگىرىشلەر بولدى. بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى دەرس ئىسلاھاتىدا ئۆزگىرىش زور بولدى. شۇ نەرسە ئېنىقكى، بىرىنىڭ ئورنىغا يەنە بىرىنى دەسستىش ئىلگىرىكىنى پۈتۈنلەي كونا ۋە پاسىپ دېگەنلىك ئەمەس. بۇ مەنىدىن ئالغاندا دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش بۇرۇنقى ھەرقانداق تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى پۈتۈنلەي شاللىۋېتىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. مېنىڭچە، دەرس ئىسلاھاتى شارائىتىدىمۇ شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ، مېغىزىنى ساقلاپ قېلىش پىرىنسپى بويىچە دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئۆگىنىش مۇددىئاسىنى، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولغان تەجرىبە ۋە ئۇسۇل، ياخشى چارە- تەدبىرلەرنى ئۆرنەك قىلىپ ۋە داۋاملىق قوللىنىپ، ئۇنى بۈگۈنكى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش نىشانى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. يېڭىنى يولغا قويىمەن دەپ، ھەممىنى قارا- قويۇق ئىنكار قىلىشمۇ، ۋارسلىق قىلىمەن دەپ ھەممىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىشمۇ ئىلمىي بولمىغان ئۇسۇل.
تۆۋەندە مەن بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە مۇھىم نۇقتىنى ئىزاھلاپ ئۆتىمەن:
1. دەرس تەييارلىقىدا مەزمۇن تەييارلاش بىلەن ئۇسۇل تەييارلاشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش
ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشتىكى «دەرس تەييارلىقى» يېڭى دەرس شارائىتىدا «ئوقۇتۇش لايىھەسى» دەپ ئاتالدى. بۇلارنىڭ روشەن خاسلىقى شۇيەردىكى، «دەرس تەييارلىقى»دا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش پائالىيىتى نىشان قىلىنىپ، مەزمۇن تەييارلىنىدۇ. ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ، «ئوقۇتۇش لايىھەسى» ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش پائالىيىتى نىشان قىلىنىپ، ئۇسۇل ۋە دەرسنىڭ قەدەم باسقۇچى تەييارلىنىدۇ، مەزمۇنغا ئېتىبار بېرىلمەيدۇ. نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ ھەرئىككىلىسىنىڭ بىرتەرەپلىمىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، «دەرس تەييارلىقى»نىڭ ئۆزىگە خاس يېتەرسىزلىكى بولغىنىغا ئوخشاش، «ئوقۇتۇش لايىھەسى»نىڭمۇ نۇقسانلىرى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئالايلى، ئالدى بىلەن يانچۇقتا پۇل بولۇش كېرەك، ئاندىن ئۇنى نەگە، نېمىگە، قانداق خەجلەشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئويلىشىش كېرەك. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا دەرس لايىھەسى تۈزۈشتە، ئاۋۋال مەزمۇن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئاندىن ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تەييارلاش كېرەك. دەرس تەييارلاشنى ئالساق، دەرس تەييارلاش ئۇسۇلىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ كاللىسىدا مەزمۇن ئېنىق، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى مەۋھۇم بولىدۇ. «ئوقۇتۇش لايىھەسى»دە بولسا، ئۇسۇل ئېنىق، مەزمۇن مەۋھۇم بولىدۇ (يەنى لايىھەگە يېزىلمايدۇ). دەل شۇنداق بولغاچقا، نۆۋەتتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش لايىھەسىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندە، تۆۋەندىكى بىرقانچە مەسىلە سادىر بولغان: ① سۆزلىمەكچى بولغان مەزمۇن ئوقۇتقۇچىغا ئايدىڭ بولماسلىق، دەرس ئۆتكەندە ئىلمىي خاتالىق كۆرۈلۈش ؛ ② ئۇسۇلى مەزمۇنغا ماس كەلمەسلىك؛ ③ سوئالى مەزمۇنغا ماس كەلمەسلىك؛ ④ مەزمۇننىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ بولماسلىق؛ ⑤ ئۆزى چىقارغان سوئالغا ئۆزى جاۋاپ بېرەلمەسلىك؛ ⑥ «ئۆيدىكى ھىساۋات بازارغا توغرا كەلمەپتۇ» دېگەندەك، تۈزگەن لايىھەسى سىنىپتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كەلمەسلىك؛ ⑦ ئوقۇتۇش لايىھەسى ئاددىي، يۈزەكى بولۇش... قاتارلىقلار.
شۇڭا مەن، نۆۋەتتە مەزمۇن تەييارلاش بىلەن ئۇسۇل تەييارلاشنى، ھېچ بولمىغاندا مەزمۇن ئوقۇتقۇچىغا تولۇق ئايدىڭ بولغانغا قەدەر ئىككى خىل ئۇسۇلنى بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىمەن. چۈنكى، مائارىپتا پېداگوگېكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇمىغان ئوقۇتقۇچىلار كۆپ بولۇپ، نۇرغۇنلىرى ئۆزى ئوقۇمىغان پەننى ئوقۇتۇشقا مەجبۇر. يەنە بىرتەرەپتىن، ئوقۇتۇش لايىھەسى ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. قانداق مەزمۇن بولسا، شۇنىڭغا لايىق ئۇسۇل بارلىققا كېلىدۇ. بۇ خۇددى بەدەنگە قاراپ كىيىم لايىھەلەشكە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرسلىك كىتابنىڭ مەزمۇنى يېڭىلاندى، ئوقۇتقۇچىلار بۇ يېڭى مەزمۇننى چوڭقۇر بىلىشى كېرەك. يەنە بىرتەرەپتىن ئالغاندا، دەرسلىكنىڭ خاراكتېرى «قوراللىق» بىلەن «گۇمانىتارلىق» بولسىمۇ، دەرسلىككە گۇمانىتارلىققا ئائىت نۇقتىلار كىرگۈزۈلۈپ، قوراللىققا ئائىت مەزمۇنلار تاشلىۋېتىلگەن. ۋەھالەنكى، بۇ مەزمۇنلارنى ئوقۇتقۇچىلار تولۇق بىلىشى ناتايىن. ئوقۇتۇشنى تەكشۈرۈش ئەمەلىيىتىدىن مەلۇم بولدىكى، بەزى يېڭى ۋە شۇ كەسىپنىڭ ئەھلى بولمىغان ئوقۇتقۇچىلار دەرسلىكتىكى قائىدە- قانۇنىيەتلەرنى ئۆزى بىلمەيلا قالماستىن، ئوقۇغۇچىلارغىمۇ يەتكۈزمىگەن ياكى ئۆلچەملىك يەتكۈزەلمىگەن. شۇڭا ئۇسۇلسىز مەزمۇن، مەزمۇنسىز ئۇسۇل تەييارلاشنىڭ ھەر ئىككىسى بىرتەرەپلىمىلىككە ئىگە بولۇپ، بۇنى مۇكەممەل تەييارلىق دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدىكى پىرىنسىپ، قوراللىققا ياتىدىغان مەزمۇنلارنى چوقۇم دەرس لايىھەسىگە كىرگۈزۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرى ۋە پىكرىنى قېلىپقا سېلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن گۇمانىتار نۇقتىلارغا ئۆلچەملىك جاۋاپ تۇرغۇزماي، جاۋابىنى ئوقۇغۇچىلارغا قالدۇرۇش كېرەك.
2. ھەممىنى قارىسىغا يادلاشقا قارشى تۇرۇش بىلەن زۆرۈر بىلىملەرنى يادلاپ ئەستە قالدۇرۇشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش
«قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ». قارىسىغا يادلاش، مېخانىك ئەستە قالدۇرۇش گەرچە پاسسىپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن بىلىملەر يادلاپ ئەستە قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا يادلاپ ئەستە قالدۇرۇش نۇرغۇن ئىجابىي تەرەپلەرگە ئىگە بولۇپ، يادلاش ئارقىلىق بىرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى يېتىلىدۇ، يەنە بىرى، ئۇلارنىڭ مېڭىسىنىڭ سىغىمچانلىقى ئاشىدۇ. ئەڭ مۇھىمى يادلاش ئارقىلىق ئۇزاق مۇددەت ياكى ئۆمۈرلۈك ئەسقاتىدىغان بىلىملەرنى مېڭە ئامبىرىدا ساقلاپ، زۆرۈر تېپىلغاندا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلار «يادلاپ ئۆگىنىش»نى بىرتاياق بىلەنلا ئىنكار قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يادلىشى زۆرۈر بولغان بىلىملەرگە سەل قاراۋاتىدۇ. ئالايلى، تەبىئىي پەنلەردىكى تىيورىما، ئاكسىيوما، قائىدە، فورمۇلا، ئۆلچەم بىرلىكلىرى، كۆپەيتىش كەررە جەدىۋىلى؛ ئىجتىمائىي پەنلەردە مۇھىم تارىخىي شەخىس، يىلنامىلەر، ئورۇن- جاي ناملىرى، ئاتالغۇلار ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنى، بىرلىككە كېلىنگەن قائىدە قاتارلىقلاربار. ئەگەر بۇلار يادلاپ ئەستە قالدۇرۇلمىسا، ئۇنى ئىشلىتىش زۆرۈر بولغاندا، يەنە دەرسلىك كىتابقا مۇراجىئەت قىلىش كېرەكمۇ؟ دەرس ئىسلاھاتى ھەممىنى قاچىلاپ قويۇشقا، ئۆلۈك يادلاشقا قارشى تۇرسىمۇ، ئەمما يادلاپ ئۆگىنىشنى ئىنكار قىلمايدۇ. «تىل- ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى»دە شېئىر، قوشاق، ماقال- تەمسىل يادلاشقا ئېنىق تەلەپ قويۇلدى. نۇرغۇن بىلىملەر يادلاپ ئەستە قالدۇرۇش شەكلى ئارقىلىق مېڭىگە ئاز- ئازدىن توپلىنىپ، ئاندىن مۇكەممەللىككە ئىگە بولىدۇ. گەرچە ئوقۇغۇچىلار بەزى بىلىملەرنى قارىسىغا يادلاشتىن خالىي بولالمىسىمۇ، ئەمما ئۇ بىلىم مېڭىدە يىپ ئۇچى بولۇپ ساقلانغاندىلا ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۇنى ھېسسىي بىلىشكە ئايلاندۇرىۋالغىلى، ئۇنى كونكرېتلىققا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر مېڭىدە ھېچ نەرسە بولماي، مېڭە قۇپ- قورۇق بولسا، ئۇنى قانداقمۇ بىلىش دېگىلى بولسۇن؟ كونىلار ياشلىقتا ئۆگەنگەن بىلىمنى«تاشقا موھۇر باسقان»غا، قېرىغاندا ئۆگەنگەن بىلىمنى بولسا، «قۇمغا خەت يازغان»غا ئوخشىتىدۇ. ياشلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ھەرقانداق بىلىمنى ئەستە قالدۇرالىشى ئاسان بولغان گۈزەل دەۋر. شۇڭا دەرس ئىسلاھاتىدا يادلاشنى ئىنكار قىلىشتىن، ئۇنى تاشلىۋېتىشتىن ساقلىنىپ، ئەستە قالدۇرۇش زۆرۈر بولغان بىلىملەرنى پىششىق يادلىۋېلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇلارنىڭ كېيىنكى بىلىشى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس تۇرغۇزۇشىمىز لازىم.
3. ئۆلچەملىك جاۋاپقا قارشى تۇرۇش بىلەن كونسىپىك قالدۇرۇپ تەكرارلاپ ئۆگىنىشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش
نۆۋەتتە ئوقۇغۇچىلار دەرس مەزمۇنىدىن كونسىپىك يازماسلىق، ئاڭلاپلا بولدى قىلىش، دەرس تەكرار قىلماسلىق، مەكتەپكە قول سېلىپ كېلىپ، قول سېلىپ كېتىش بىرقەدەر ئورتاق مەسىلىگە ئايلاندى. بۇلارنى تەھلىل قىلغاندا، سەۋەپ يەنىلا ئۆزىمىزدە.
يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، يېڭى دەرسلىكتە گۇمانىتارلىققا ئەھمىيەت بېرىلىپ، قوراللىق تاشلاپ قويۇلدى، يەنى قوراللىققا ياتىدىغان مەزمۇنلار ئوقۇتقۇچىلار تولۇقلاپ ئوقۇتۇشقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىپ ئۆگىنىشىگە قالدۇرۇلدى. ئەمما ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىتابقىلا ئېسلىۋېلىشى، كىتابتا نېمە بولسا شۇنىلا ئۆتۈپ، مۇھىم بىلىم نۇقتىلىرىنى تاشلاپ قويۇشى سەۋەپلىك ئوقۇغۇچىلارغا كونسىپىك يېزىۋالغۇدەك مەزمۇن چىقمىدى. ئەمەلىيەتتە دەرسلىكتىكى نۇرغۇن بىلىملەر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىنتاين مۇھىم بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار بۇلارنى چۇقۇم ئۆگىنىشى، ئەستە قالدۇرۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۆگىنەي دېسە كىتابتا يوق، يازاي دېسە سىنىپتا يوق تۇرسا، ئۇلار نېمىنى ئۆگىنىدۇ، نېمىنى تەكرار قىلىدۇ؟ شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارنى دەرس تەكرار قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى كونسىپىك يازدۇرۇش ياكى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرى يېزىۋېلىشقا ئادەتلەندۈرۈش. دەرس ئىسلاھاتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇجەھەتتە ئىزدىنىشىنى تەلەپ قىلسىمۇ، ئەمما ھازىرقى شارائىتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىپ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ۋە ئېڭى قانچىلىك؟ بەزى مەكتەپلەر نۆۋەتتە كونسىپىك يېزىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كېچىكىپ بولسىمۇ ھېس قىلىشتى. ئۇلار ئوقۇتقۇچىلارغا تەلەپ قويۇپ، كونسىپىك يېزىشنى تۈزۈمگە ۋە ئادەتكە ئايلاندۇردى. مېنىڭچە، بۇ ئۇسۇل باشقا جاي ۋە مەكتەپلەرنىڭمۇ ئويلىشىپ كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ.
4. دەرسكە باشلاپ كىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش بىلەن ئالدىنقى دەرس مەزمۇنىدىن سوئال سوراپ سىناق ئېلىشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش يېڭى دەرس شارائىتىدا بارلىققا كەلگەن بىرخىل ئۇسۇل. بۇ ئۇسۇلنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشتىكى كونا مەزمۇندىن سوئال سوراش ئۇسۇلى ئەمەلدىن قېلىشقا يۈزلەندى. يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش بىلەن سوئال سوراپ سىناق ئېلىش پەرىقلىق بولۇپ، دەرسكە باشلاپ كىرىشتە گەرچە كونا مەزمۇندىنمۇ، ئۆتمەكچى بولغان مەزمۇندىنمۇ سوئال سورالسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەجبۇرلاش كۈچى ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشتىكى سوئال سوراپ نومۇر قويۇشقا يەتمەيدۇ. چۈنكى ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشتىكى سوئال سوراپ نومۇر قويۇش ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس تەكرارلاش ئەھۋالىنى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆتكەن دەرسىنىڭ ئۆزلەشكەن ياكى ئۆزلەشمىگەنلىكىنى سىناپ كۆرۈشتىكى بىرخىل باسقۇچ بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈش ئۈچۈن بولسىمۇ، دەرس تەكرار قىلىشقا ئادەتلەنگەن. ئەمما يېڭى دەرستىكى باشلاپ كىرىش بىرخىل ئىختىيارى جاۋاپ بېرىش بولۇپ، ئوقۇغۇچىلاردا ئۆگىنىشتىكى مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ. دەرس ئىسلاھاتى گەرچە مەجبۇرلاپ ئۆگىتىشكە، نومۇرغا چوقۇنۇشقا قارشى تۇرسىمۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلىق ئۆگىنىش روھى يېتىلمىگەن شارائىتتا قىسمەن مەجبۇرلاش ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق.
مېنىڭچە، ھەرسائەتتە دەرس سوراش ۋە نومۇر قويۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى داۋاملىق قوللىنىش زۆرۈر.
5. ئىمتىھان نەتىجىىسىگە ئېسىلىۋېلىشقا قارشى تۇرۇش بىلەن سىناق ئىمتىھان ئېلىشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش
دەرس ئىسلاھاتى ئىمتىھان مائارىپىغا قارشى تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئىمتىھان نەتىجىسىگە چوقۇنۇشقا قارشى تۇرىدۇ. لېكىن ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە باھا بېرىشنىڭ يېڭى ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئومۇملاشقىچە دەرس ئىسلاھاتى يەنىلا ئىمتىھان مائارىپىدىن خالىي بولالمايدۇ.
ئىمتىھان ئېلىش گەرچە ئەنئەنىۋى مائارىپنىڭ ئاساسلىق شەكلى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ھەيدەكچلىك قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى رولىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. نۆۋەتتە نۇرغۇن مەكتەپلەردە ئىمتىھان ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇتۇش نەتىجىسى يۇقىرى مەكتەپلەرنىڭ تەجرىبىسىدىن قارىغاندا، ھەرخىل شەكىلدىكى ئىمتىھانلارنى كۆپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ قالغان. ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش نومۇرى بېرىش، ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان نومۇرى يۇقىرىلارنى تاللاش، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئىمتىھان ئېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا ئىمتىھان مائارىپىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنى دېمىگەندىمۇ دەرس ئىسلاھاتى شارائىتىدا ئىمتىھاننىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش رولىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئىمتىھان ئېلىنسا بىرى، ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاننىڭ تۈرتكىسى بىلەن دەرسلەرنى ئۆگىنىدۇ ۋە مۇستەھكەملەيدۇ. يەنە بىرى، ئىمتىھاندىن كېيىن جاۋاپ بېرەلىگەن ۋە بېرەلمىگەن نۇقتىلار ئۈستىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ ياكى ماتېرىيال كۆرۈپ مۇستەھكەملەيدۇ. مېنىڭچە ئوچۇق ئىمتىھان، يۈزتۇرانە ئىمتىھان، قەغەزچە ئىمتىھان، مانىۋېر ئىمتىھان قاتارلىقلار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش زۆرۈر.
6. بىلىملەرنى ئوقۇتقۇچىدىن قوبۇل قىلىش بىلەن كۆرسەتمىدىن قوبۇل قىلىشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش
دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسىي شەكلى بولسىمۇ، بۇ تەلىم- تەربىيەنىڭ ھەممە ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ كېتەلمەيدۇ. ئۆگىنىش شەكلى ھەرخىل بولىدۇ. ھازىرقى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى مۇستەقىل ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش، ئىزدىنىپ ئۆگىنىش قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلاردىن باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمنى قوبۇل قىلىش شەكىللىرى ناھايىتى كۆپ. ئاڭلاپ ئۆگىنىش، يادلاپ ئۆگىنىش، سۆزلەپ ئۆگىنىش، بىۋاستە قاتنىشىپ ئۆگىنىش، مەشىق قىلىپ ئۆگىنىش، ھىس قىلىپ ئۆگىنىش، كۆرۈپ ئۆگىنىش قاتارلىقلار بۇنىڭ شەكىللىرى. ئۆگىنىش مۇددىئاسىدىن ئالغاندا، ئىختىيارىي ئۆگىنىش(ئاڭلىق ئۆگىنىش)، ئىختىيارسىز ئۆگىنىش (ئاڭسىز ھالدا ئۆگىنىش)لەرمۇ بار. دەرسخانا ئوقۇتۇشى پەقەت ئاڭلاش، سۆزلەش، مەشىق قىلىش تىپىدىكى بىرقانچە تەرەپنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. باشقا شەكىلدىكى نۇرغۇن ئۆگىنىشلەر بولسا، ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، مەكتەپلەردە ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىشنىڭ ئەھمىيىتى زور بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن دەرس ئىسلاھاتىدا «يوشۇرۇن دەرس ۋە ئاشكارا دەرس»دېگەن ئۇقۇم مەيدانغا چىقتى. كۆرسەتمە چاپلاش بۇنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئەنئەنىۋى مائارىپتا بۇ تەرەپكە ئېتىبار بېرىلگەن. فورمۇلا، خەرىتە، ئېلىمېنتلار جەدىۋىلى، كەررە جەدىۋىلى، ھەرخىل ئۆلچەم بىرلىكلىرى، ئېلىببە جەدىۋىلى ۋە زۆرۈر بولغان دەرس مەزمۇنلىرى سىنىپ تاملىرىغا چاپلانغان. ئوقۇغۇچىلار بۇلارنى ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا ئەستە قالدۇرغان.
نۆۋەتتە بۇخىل كۆرسەتمىلەر سىنىپلاردىن چىقىرىۋېتىلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسىخىك ۋە ياش ئالاھىدىلىكىدىن ئالغاندا، ئۇلارنىڭ ئاڭلاپ چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇشىغا قارىغاندا كۆرۈپ چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇشى ئاسان بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق كۆرسەتمىلەرگە يەنىلا ئورۇن بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىش كېرەك.
7. ئورتاق تەلەپ قويۇش بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى نامايەن قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش
دەرس ئىسلاھاتى ئومۇمىي ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن رىقابەتلىشىپ ئۆگىنىشنى چەتكە قاقمايدۇ. مەكتەپلەردە زېھىن سىناش مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتە بەسلىشىش ۋە رىقابەتلىشىپ ئۆگىنىشىگە پايدىلىق بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بىلگەنلىرىنى نامايەن قىلىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگىلى بولىدۇ. ئۈزۈپ چىققان بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بېرىش ئارقىلىق كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىشكە قوزغاتقىلى بولىدۇ.
ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشتا زېھىن سىناشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن. نۆۋەتتە يادلاپ ئۆگىنىشكە قارشى تۇرۇش شۇئارى ئاستىدا زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرى ئازلاپ كەتتى ياكى يوقىلىشقا باشلىدى. مېنڭچە، دەرس ئىسلاھاتى شارائىتىدىمۇ بۇ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قوزغىتىشتىكى رولىنى جارىي قىلدۇرۇش كېرەك.
8. ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى مۇسابىقىلەشتۈرۈشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش
يېڭى دەرس ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. مۇسابىقىلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش بىرخىل ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بولسىمۇ دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ئويغۇن كېلىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە بىر سىنىپتىكى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئاساسەن تەڭ كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى مۇئەييەن ئىقتىسادىي ياكى ئىجتىمائىي شەرتلەر ئاساسىدا ئۆزئارا مۇسابىقىلەشتۈرۈپ، مەۋسۈم ۋە يىل ئاخىرىدا يېڭىش ياكى يېڭىلىش ئەھۋالىنى خۇلاسە قىلىش، يەڭگەنلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ، يېڭىلگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرىدىغان ئۇسۇل بولۇپ، بۇ ئۇسۇلمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتىكى رىقابەت ئېڭىنى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىشكە، ئۇلارنىڭ بىلىش تەرققىيىاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. يېقىنقى يىللاردىن بېرى بۇ ئۇسۇل ئازلاپ كەتتى ياكى يوقالدى. مېنىڭچە، ھازىرقى شارائىتتا بۇ ئۇسۇلنى داۋاملىق قوللىنىشقا ئەرزىيدۇ.
9. ئوقۇغۇچىلارنىڭ غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن ئارقىدا قالغانلارنى يېتەكلەشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي شۇئارى. ئەمما ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش تەرەققىياتى پەرىقلىق بولىدۇ. بۇ پەرقلەر ئازايتىلمىسا، ئۇلارنىڭ غۇرۇرىنى قوغداش قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ. ئەنئەنىۋى مائارىپتىكى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى دەرستە ئالدىدا ماڭغان ئوقۇغۇچىلارغا ھۆددىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ياردەملەشتۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىگە ماس كېلىدۇ.
بۇنىڭ پايدىسى شۇكى، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ياخشى ئوقۇغۇچىلارغا ھۆددىگە بېرىلسە، بىرى ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق كۈچىيىدۇ، يەنە بىرى دوستلۇق مۇستەھكەملىنىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ يۈكىمۇ يېنىكلەيدۇ. ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
10. دەرىجىگە تىزىشقا قارشى تۇرۇش بىلەن تىپ تۇرغۇزۇپ يېتەكلەشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش
دەرس ئىسلاھاتى دەرىجىگە ئايرىشقا قارشى تۇرىدۇ. لېكىن ھەرقانداق ئورۇندا ئىلغارلىق بىلەن ناچارلىق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئىلغار تىپ ئارقىلىق ئارقىدا قالغانلارنى يېتەكلەش ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تەقەززاسى. ئەنئەنىۋى مائارىپتا سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ مەۋسۈملۈك، يىللىق ئىلمىي نەتىجىسى، دەرسكە قاتنىشىش، ئەمگەك، تازىلىق ۋە باشقا جەھەتتىكى ئومۇمىي نەتىجىسىگە ئاساسەن ئۈلگىلىك سىنىپ كوللېكتىپىنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارغا كۆچمە قىزىل بايراق تەقدىم قىلىش ئارقىلىق ئىلغار سىنىپ كوللېكتىپىنى رىغبەتلەندۈرگەن بولسا، ئارقىدا چىققان سىنىپلارغا قارا بايراق ئېسىلغان. بۇ ئارقىلىق سىنىپلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ ئۇسۇلنىڭ تەربىيەۋى ئەھمىيىتى زور بولۇپ، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلغارلىققا ئىنتىلىش، ئۆز ئارا ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا، يەنە بىرجەھەتتىن دۆلەت بايرىقىنى سۆيۈش ۋە ئۇلۇغلاش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە، كوللېكتىپنىڭ شەرەپ- نومۇس قارىشىنى يېتىلدۈرۈشكە، بىرسىنىپتىكى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ كوللېكتىپ ئىچىگە ئۆزىنى قويۇپ، كوللېكتىپنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاش، كوللېكتىپنىڭ شان- شەرىپىنى قوغداش، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، باشقىلارغىمۇ مەسئۇل بولۇش، ئۆزئارا بىر-بىرىگە تۈرتكە، ھەمدەم بولۇش، بىرى- بىرىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئورتاق ئىلگىرىلەش ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. ئەمما دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن بىرى بۇ ئۇسۇل مەكتەپلەردە كۆزگە چېلىقماس بولدى. مېنڭچە، دەرس ئىسلاھاتى نوقۇل ھالدىكى نومۇرغا چوقۇنۇشقا، نومۇرغا ئاساسەن دەرىجىگە تىزىشقا قارشى تۇرسىمۇ،ئەمما ئۇنىۋېرسال باھالاش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشنى ئىنكار قىلمايدۇ. شۇڭا بۇ ئۇسۇل يەنە يولغا قويۇش قىممىتىگە ئىگە.
11. خىزمەتلەرنى نەزىرىيە جەھەتتىن خۇلاسە قىلىش بىلەن دىياگرامما ئارقىلىق كۆرسىتىشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش
ھەرقانداق مەكتەپتە باسقۇچلۇق، مەۋسۈملۈك، يىللىق خىزمەتلەر خۇلاسە قىلىنىدۇ. ۋەزىپە، كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالى ئاخىرىدا سانلىق قىممەت بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ. بۇنداق خۇلاسە نەزەرىيە شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلسا، بىرقېتىمدىلا ئۇنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسى ئادا بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ كېيىنكى تەسىرى، ھەيدەكچلىك رولى ئاجىز بولىدۇ.
ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشتا مۇنداق سان- سېپىرلىق خۇلاسە، مەسىلەن: شەخسلەر ۋە كوللېكتىپلارنىڭ ئىلمىي نەتىجىسى، بەش قاتناشتۇرۇش نەتىجىسى، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى باسقۇچ، مەۋسۈم، يىللاردىكى نەتىجىسى بىلەن بولغان پەرقى دىياگرامما شەكلىدە تاملارغا چىقىرىلاتتى. بۇنداق دىياگراممىلارنىڭ تامدا تۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇنىڭ ئوبيېكتنىڭ نەتىجىسىنى بىۋاستە كۆرسىتىش، سېلىشتۇرۇش رولى شەخس ۋە كوللېكتىپقا نىسبەتەن شەرەپ- نومۇس تۇيغۇسى پەيدا قىلىش، ئۇلارنىڭ ئېڭىغا بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىشتىكى ھەيدەكچلىك رولى چوڭ ئىدى. ئەمما نۆۋەتتە بۇنداق ئۇسۇل ئەمەلدىن قالدىمۇ ياكى كېيىنكىلەر ئەھمىيەتسىز دەپ قارىدىمۇ، ھېچقانداق ئورۇندا كۆزگە چېلىقمايدىغان بولۇپ قالدى. مېنىڭچە بۇ ئۇسۇلنىمۇ داۋاملاشتۇرۇشقا ئەرزىيدۇ.
ئومۇمەن، بۇ ماقالىدە تونۇشتۇرۇلغان ئۇسۇللار گەرچە ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشنىڭ تەجرىبىسى بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ياكى ئاساسەن ماس كېلىدۇ.
شۇڭا بىرنى كۆرۈپ، يەنە بىرنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش، تاشلىۋېتىش ئىلمىي پوزۇتسىيە ئەمەس. بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىتىش، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئۇسۇللا بولىدىكەن، ئۇنىڭ قايسى زامان، قايسى خىل مائارىپ باسقۇچىدا قوللىنىلغان بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئۇنى ئىلمىي يۇسۇندا راۋاجلاندۇرۇپ، ئوقۇتۇش مېتودى ۋە ئۇسۇلىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشىمىز، ئۇنى بۈگۈنكى مائارىپ ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز لازىم.
مەنبە: «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 6-سانى