ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
1.يېشىڭىزنى ئۇنتۇپ قېلىڭ. ھەر كۈنى ياش ئادەمدەك يۈرۈڭ، تۇرمۇشتا ئۈمىدۋار بولۇڭ، ھەرگىز «قېرىپ قالدىم» دېگەن گەپنى دەپ يۈرمەڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىزنى خۇددى ياش چېغىڭىزدىكىدەك ھېس قىلىسىز.
2. جۆرىڭىز ياكى ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىز بىلەن كۆپرەك مۇڭدىشىڭ، پىكىر ھېسسىيات ئالماشتۇرۇڭش ئۇلار بىلەن كۆپ ئارىلىشىڭ، بۇ چاغدا سىزنمۇ باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.
3. ئىمكانقەدەر كۈلۈپ بېرىڭ، تەبەسسۇم بىلەن كۈلۈڭ، قاقاقلاپ كۈلسىڭىز تېخىمۇ ياخشى.
4. كېچىسى ئوبدان ئۇخلاڭ، ئەگەر كېچىدىن ئوبدان ئۇخلىيالمىغان بولسىڭىز، كۈندۈزى ئازراق ئۇخلىۋىلىڭ.
5. ھەرقانداق بېسىم ئالدىدا باش ئەگمەڭ، ئۇنى رىقابەتلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ قاراپ، تەبىي ھاياتىي كۈچىڭىزنى ئۇرغۇتۇپ تۇرۇڭ.
6. تۇرمۇشىڭىزنى تولىمۇ مەززىسىز ھېس قىلسىڭىز، مەلۇم بىر كۈرەش نىشانىنى تاللاپ، ھەۋىسىڭىزنى قوزغاپ ئۇنى قىزىقىشقا ئايلاندۇرۇڭ.
7. چارە-تەدبىر ئويلاپ، ئىمكانقەدەر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىڭ، بۇ چاغدا ھاياتىي كۈچىڭىز ئۇرغۇپ، ئۆمرىڭىز ئۇزرايدۇ.
8. مەيلى قانداق كېسەل بايقالسۇن، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ.
9. پۇرسەت تېپىپ كۆپرەك ئارام ئېلىڭ، ئارامبەخىش ھايات تېنىڭىزنى ساغلاملاشتۇرىدۇ ۋە ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن ئۇزارتىدۇ.
10. كىشىلەر بىلەن ئىناق-ئىجىل ئۆتۈڭ، كوللېكتىپ پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىڭ، نامرات ياكى باي بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ھەرگىز تەنھا ياشىماڭ.