ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
يېقىندا مۇتەخەسسىلەر مۇنداق دېيىشتى: چاچ سوپۇنىنى تاللىغاندا ئامال بار ئىشقارلىقى تۆۋەنلىرىنى تاللىغان ياخشى، بولمىسا باش تېرىسى زەخمىلىنىدۇ، يەنە چاچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن چاچ ئاسراش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش ئەڭ توغرا ئۇسۇل.
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: ئادەتتە چاچنى يۇيۇپ بولۇپ شامالدۇرغۇچ بىلەن قۇرۇتقاندا قۇرۇتۇش ۋاقتى يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتسە ئادەم زۇكامدايدۇ، بېشى قايىدۇ، ئەڭ يامىنى ئىممونىت كۈچى ئاجىزلاپ، ئادەم ئويلىمىغان كېسەللەرگە مۇپتىلا بولىدۇ.