تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بالىلىرىمىزنى سۆيۈپ كېسەل يۇقتۇرۇپ قويمايلى

 

 ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىنى سۆيۈپ قويۇشى بولسا، ئانىلىق مېھرىنى بىۋاستە يەتكۈزۈشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. يەنە ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدا ئورتاقلاشقىلى بولىدىغان ئەڭ ياخشى تىل. ئۇنداقتا ئانا بالىنى قانداق قىلغاندا بىخەتەر سۆيەلەيدۇ ؟

    سۇلۇق قاپارتمىلىق ئىششىق كۆرۈلۈش

    ئەگەر ئانىنىڭ يۈز، لەۋ، پۇت، قول قاتارلىق ئەزالىرىدا گۈرۈچ چوڭلۇقىدا سۇلۇق قاپارتمىلىق ئىششىق كۆرۈلۈپ، بىر قانچە ياكى ئون نەچچە تۇتىشىپ بىر دائىرىنى شەكىللەندۈرسە، قىزىش ئالامىتى ياكى قىسمەن لىمفا تۈگۈنى ئىششىپ يوغىناپ كەتسە، ‹‹قاپارتمىلىق ۋىرۇس››بىلەن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن.

    مۇداپىيەلىنىش تەدبىرى: قوقاقلىق ئېغىز ياللۇغى قاتارلىق ‹‹قاپارتمىلىق ۋىرۇس›› كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەندە بالىنى سۆيۈشتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.

    چىرايلىق ھەم سۇس پەرداز قىلىش

    گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ئانىلار چىرايلىق ھەم سۇس پەرداز قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما گىرىم بۇيۇملىرى تەركىبىدە قوغۇشۇن، سىماب ۋە باشقا خىمىيەلىك تەركىبلەر بولغاچقا، ئانا گىرىمنى سۇس قىلماي بالىنى سۆيگەندە بۇ خىل زىيانلىق ماددىلار بالىنىڭ تېنىگە كىرىپ، تېرە ياللۇغى، ئاستا خاراكتېرلىك قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى

    سۆيۈش ئارقىلىق بىۋاستە كالپۇك ئۇچرىشىدۇ، ئەگەر ئانىدا ئەسلىدىنلا ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكى بولسا، بالىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىغا كىرىپ، كېسەللىكلەرنى تارقىتىدۇ.

    مۇداپىيەلىنىش تەدبىرى: ئانا ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكى ۋە زۇكام سەللىمازا ساقايماستا بالىنى سۆيمەسلىكى لازىم.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز