شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
قىسمەن قىز، ئوغۇللار تالاغا چىقىشنى خالىماي كۈنبويى ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، يەنە بىر قىسىم قىز، ئوغۇللار ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ھېچ يەرگە بارماي ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، ئۇلار ھەرىكەت قىلىشنى خالىمىغاندىن باشقا، غىزالىنىشىمۇ تەرتىپسىز بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دائىم ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى يۇقىرى بولغان يېمەكلىك ۋە تېز تاماقلارنى يەيدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى دىئابىت كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ھەرىكەت ئاز بولغاندا بەدەن قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ياغقا ئۆزگىرىپ، بەدەندە يىغىلىپ قالىدۇ. نەتىجىدە، ياغ كۆپ يىغىلىپ ئىنسۇلىن ئاجرىلىپ چىقىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، شۇ سەۋەپلىك دىئابىت كىسىلى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، دائىم ئۆيدە ئولتۇرۇۋالماي سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىش، چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.