تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئېلىمىز دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى تۈزىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 22 – دېكابىر تېلېگراممىسى. دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى تۈزۈش دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ تۈپ كاپالىتى. 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 – قېتىملىق يىغىنىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى قاراپ چىقىلدى.

 مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى شىشى دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

دەسلەپكى لايىھەگە ئاساسەن، دۆلەت خەۋپسىزلىكى دۆلەتنىڭ ھاكىمىيىتى، ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتى، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە باشقا زور مەنپەئەت نىسبەتەن بىخەتەر، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەھدىتلەرگە ئۇچرىمىغان ھالەتكە، شۇنداقلا مۇشۇنداق ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك ھالىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.

 ‹‹خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاساسىي مەقسەت قىلىش››تىن ئىبارەت دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، دەسلەپكى لايىھەنىڭ قانۇن تۈزۈش ئاساسىي مەقسىتىدە ‹‹خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش›› تەكىتلىنىپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە چېتىلىدىغان كىرىزىسلارنى تىزگىنلەپ بىر تەرەپ قىلىشتا تاللاشقا بولىدىغان كۆپ خىل تەدبىرلەر تۈزۈلۈپ، ‹‹پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدايدىغان تەدبىرلەرنى تاللاپ قوللىنىش كېرەك››، دەپ بەلگىلەندى.

 دەسلەپكى لايىھەدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: دۆلەت دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىپ كېلىدىغان، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ماس كېلىدىغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ قانۇن كاپالىتى، مالىيە كاپالىتى، ماددىي ئەشيا كاپالىتى، پەن – تېخنىكا كاپالىتى، ئىختىساسلىقلار كاپالىتى، مەخسۇس خىزمەت ئۇسۇلى كاپالىتى ۋە تەشۋىقات ۋە تەربىيە كاپالىتى قاتارلىقلارغا كونكرېت تۈزۈم لايىھەسىنى تۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.


دەسلەپكى لايىھەدە پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك خىزمىتىنى قوللىشى، ياردەم بېرىشىنىڭ قانۇن بويىچە قوغدىلىش ھوقۇقى، نەپىقە ئالغۇچىلارنىڭ تولۇقلىمىدىن ئالدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى، تەنقىدلەش، پىكىر بېرىش، ئەرز قىلىش، شىكايەت قىلىش، پاش قىلىش ھوقۇقى، پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش ھوقۇقىدىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك ھوقۇقى بەلگىلەندى. ھوقۇق بېرىش بىلەن بىللە، دەسلەپكى لايىھەدە يەنە پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقى تەكىتلەندى.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز