ئىلگىرى ئىگەنلىگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، iPhone 5C يانفۇنى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىىدىكى ئېلان قىلىش يىغىنىدا iPhone 5S يانفۇنى بىلەن تەڭلا ئاشكارلىنىشى مۇمكىن.بىراق بۇ قېتىمقى ئېلان قىلىش يىغىنىدىن بۇرۇن،مەيلى iPhone 5S بولسۇن ۋە ياكى iPhone 5S نىڭ رەسىملىرى ھەتتا كۆرۈنمە چاستوتىسى ئاللىبۇرۇنلا ئاخپارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن ئاشكارلانغان،بىز بۇنىڭدىن ئالما شىركىتىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەدبىرىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكىنى دىيەلمەي تۇرالمايمىز.
ئاشكارلانغان رەسىملەردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى،iPhone 5S نىڭ قىزىل،يېشىل،كۆك،سېرىق ۋە ئاق قاتارلىق بەش خىل رەڭگى بولۇپ،ئالمىغا دائىم ئىشلىتىدىغان قارا رەڭ ئىشلىتىلمەسلىكى مۇمكىن.ئۇنىڭدىن باشقا،بۇ قىتىم ئاشكارلانغان رەسىملەردىن iPhone 5S نىڭ بىر قىسىم كۇنۇپكىلارنى،ھەمدە كۇنۇپكىلارنىڭ رەڭگى دۈمبە چىغىنىقىنىڭ رەڭگى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل رەڭ ماسلاشتۇرۇش ئالما شىركىتىنىڭ ئىزچىل لاھىيلەش ئۇسلۇبىغا ماس كەلگەن.
بۇندىن باشقا، بۇ قىتىم ئاشكارلانغان رەسىملىرى iPhone 5S نىڭ بىر دانە LED چاقماق لامپىنى ئىشلەتكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز، iPhone 5S غا ئىككى دانە چاقماق لامپىسى ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. تارقىتىش پىلانىغا كەلسەك iPhone 5S بۇرۇنقى ئالمىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە تۇنجى بولۇپ جۇڭگو بازىرىغا كىرىپ ئاندىن كىيىن ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى مۇمكىن. مەھسۇلات ئورنىنى بېكىتىشىگە كەلسەك،iPhone 5S بولسا iPhone 5 ۋە iPhone 4S نىڭ سېتىش ئورنىغا ئالمىشىپ iPhone 5S بىلەن ماسلاشتۇرۇلىشى مۇمكىن.