مۇھەممەد خېۋىر
شائىر مۇھەممەد خېۋىر (1954 – 2009) توقسۇن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ خىزمەت ھاياتى ئاساسەن ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن ئۆتكەن، مەتبۇئاتلاردا 1000 پارچىغا يېقىن شېئىرى ئېلان قىلىنغان.
يۇرتۇمنى مەدھىيەلەپ سۆز ئاچتىم يەنە،
‹‹ئادەتقۇ ئۇ ساڭا›› دەپمۇ قالمىغىن.
يۇرتۇمدىن قاينىغان ئىلھاملىرىمنى،
تەس ماڭا ئىچىمدە بېسىپ قالمىقىم.
كەپ قالساڭ بىر كۈنى ئەگەر بۇ ياققا،
تەبىئىي سېنىڭمۇ ھەيران قالمىقىڭ.
بۇندىكى يېڭىلىق، ئۆزگىرىشلەرگە،
قانماستىن يېنىشلاپ نەزەر سالمىقىڭ.
ھە، بۈگۈن يۇرتۇمدا يېڭى قىياپەت،
بارلىكى گۈزەللىك بۇندا مۇجەسسەم.
قالمايدۇ دىلىمدا زەررىچە ئارمان،
بۇ باغنى كۈيلەشكە قوشۇلسا ھەسسەم.
سۆيۈنمەي نە ئۈچۈن يۇرتۇم مېھرىدىن،
شادلانماي قانداقمۇ كامال تاپقاندا.
قانداقمۇ سۈكۈتتە تۇرىمەن تىپتىنچ،
يۇرتۇمنىڭ گۈللىنىش تېڭى ئاتقاندا!
توختىماس فونتاندۇر يۇرتۇمغا كۈيۈم،
يازغانتىم، يازىمەن يۇرتۇمغا ئاتاپ.
پارتىيە تىل بېرىپ تۇتقۇزدى قەلەم،
يەنىمۇ پۈتكۈسى مىڭلاپ يېڭى باب.
يېزىلسا تەرىپى ئەگەر يۇرتۇمنىڭ،
‹‹نەزەرى تار ئىكەن›› دەپمۇ قالمىغىن.
يۇرت سۆيمەي بىھۇدە ۋەتەن ھەققىدە
‹‹سۆيىمەن سېنى›› – دەپ ئېغىز ئاچمىقىم.