تاللانغان رازۋېتكا ھېكايىلىرى (47)
تېلېگرامما يېشىش
5-چوڭ يول ساقچى مەھكىمىسى بىر تېلېگراممىنى تۇتۇپ قالدى، ئۇنىڭغا «چاۋ:(朝) مال ئوڭۇشلۇق يولغا سېلىندى، ۋوگزالدىن ئېلىۋېلىڭ» دەپ يېزىلغانىدى.
ئەتراپلىق تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ساقچىلار بۇ ئۆتكەن قېتىم سودىسى ئوڭۇشلۇق بولمىغان قورال-ياراغ ئەتكەسچىلىرىنىڭ مەخپىي سودا تېلېگراممىسى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قاراپ، بۇ ئەتكەسچىلەرنى بىر يولىلا قولغا چۈشۈرمەكچى بولدى.
لېكىن تېلېگراممىدا مال ئېلىش ئادرېسلار بولۇپ، كونكرېت ۋاقىت يېزىلمىغانىدى، شۇڭا ساقچىلار نەدىن قول سېلىشنى بىلەلمەي قالدى. ساقچىلارغا نىسبەتەن، بىرلىرىنىڭ ئۇ يەردە قانۇنسىز ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، نەدە شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەسلىك ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان ئىش ئىدى.
بەزىلەر پۈتۈن شەھەردىكى قورال-ياراق ئەتكەسچىلىكى بولۇشى مۇمكىنچىلىكى بولغان جايلارنى مەخپىي كۆزىتىش ھەققىدە تەكلىپ بەردى، بۇ چارە ئىنتايىن ئاددىي ھەم ئەخمىقانە چارە بولسىمۇ، ۋاقتىنچە بۇنىڭدىن ياخشىراق ئامالمۇ يوق ئىدى.
ئىزچىل گەپ قىلماي ئولتۇرغان رازۋېدچىكلار باشلىقى ئېغىز ئېچىپ مۇنداق دېدى: بۇ تېلېگرامما سودا قىلىدىغان ۋاقىتنى ئاللىبۇرۇن ئاشكارىلىغان.
رازۋېدچىكلار باشلىقى نېمىگە ئاساسەن شۇنداق دەيدۇ؟
رازۋېدكا ھېكايىلىرى (46) نىڭ جاۋابى:
رازۋېدچىكلار باشلىقى چارلى سائەتنى ئىككى ئادەمنىڭ قولىغا تاقىتىپ كۆردى، ھەمدە سائەت بېغىنىڭ ئىزىغا ئاساسەن، كىمنىڭ سائەتنىڭ ئىگىسى، كىمنىڭ بۇلاڭچى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدى.