تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاچچىقسۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

تاماق ئەتكەندە، سوغۇق سەي تەييارلىغاندا، قورۇما تەييارلىغاندا ئاچچىقسۇ قوشۇۋېتىلىسە، ئەتكەن تامىقىڭىزغا تەم كىرگۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى يېيىشلىك بولىدۇ, ۋىتامىن Cنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

 ئاچچىقسۇ بىلەن يۇقۇملۇق زۇكام قان تولغاق كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ھەم زەھەر قايتۇرغىلى بولىدۇ. 

ناۋادا زەھەرلىك، شورلۇق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىپ زەھەرلەنسە، تېزلىكتە كۆپ مىقتاردا ئاچچىقسۇ ئىچىلسە، تېز قۇتقۇزۇش ئۈنۈمى بولىدۇ. 

ئاچچىقسۇنى ئۇزاق مۇددەت ئىستىمال قىلغاندا ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. 

ئاچچىقسۇنىڭ بۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن خۇسۇسىيەتلىرى بار. مەسىلەن، كىيىم-كېچەك، تاۋار-دۇردۇن، شايى-ئەتلەس قاتارلىق رەخت، يىپەك توقۇلمىلىرىنى يۇيغاندا سۇغا ئازراق ئاچچىقسۇ تېمىتىۋەتسە، رەختنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

 ئاليۇمىن، مىس قاچىلارغا ئاچچىقسۇ سۈركەپ قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن سۇ بىلەن يۇيۇۋەتسە، پارقىراقلىقى ئەسلىگە كېلىدۇ.

چايدان، چەينەكنى ئاچچىقسۇ بىلەن چايقىغاندا ئىچىگە ئورنىتىۋالغان قايناق سۇ كىرى چىقىپ كېتىدۇ.

 قوي گۆشى، كالا گۆشى پىشۇرغاندا ئازراق ئاچچىقسۇ تېمىتىۋەتسە، ئاسان پىشىدۇ. 

كىيىم كېچەكتىكى يەل-يېمىشلەرنىڭ سۈيى ياكى رەڭ يۇقۇپ قالسا داغ ئۈستىگە ئازراق ئاچچىقسۇ تېمىتىپ ئۇۋۇلىسا، داغ چىقىپ كېتىدۇ. 

ئاياق مايلىغاندا ماي ئۈستىگە بىرئاز ئاچچىقسۇ تېمىتىۋەتسە، بەك پارقىرايدۇ ھەم ماي ئۇزۇن تۇرىدۇ. 




ئەسلى مەنبەسى: wlmqwb.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز