تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
دائىم تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ چىشى ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ

ئەنگلىيە بىرمىڭھام ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە گېرمانىيە ئوزۇقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ يېڭى تەتقىقاتىدا، دائىم تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ چىشى چۈشۈپ كېتىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.

    23 مىڭ كىشى ئوبيېكت قىلىنغان بۇ تەتقىقات تۈرىدە تەتقىقاتچىلار ئوخشاشمىغان ياشتىكى ئۈچ گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ تاماكا چېكىش ۋە تاماكا تاشلاشنىڭ چىشنىڭ چۈشۈشىگە بولغان تەسىرىنى باھالاپ چىققان. نەتىجىدە تاماكا چېكىش بىلەن چىشنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئوتتۇرا ياشتىكىلەرگە قارىغاندا ياشلاردا روشەن ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى بايقىغان. تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ چىشىنىڭ چۈشۈپ كېتىش خەۋپى 3.6 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن، تاماكا خۇمارى قانچە كۈچلۈك بولسا، چىشنىڭ چۈشۈپ كېتىش خەۋپىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن.

    ئەنگلىيە كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى توماس دېتىرىتنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، 65 ياشتىن 74 ياشقىچە بولغانلاردا چىشى تەبىئىي چۈشۈپ كېتىدىغان كىشىلەر تەخمىنەن %30 نى ئىگىلەيدىكەن. كۆپلىگەن چىشنىڭ چۈشۈپ كېتىشى چىشنى قۇرت يېيىش ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك چىش ئەتراپى ياللۇغىدىن بولىدىكەن. تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ چىش ساغلاملىقىغا قارىتا بىر خاتا سېزىم بولۇپ، قارىماققا چىش ساغلام كۆرۈنىدىكەن، چۈنكى تاماكا چەككەندە چىشنىڭ قانىشىنى يوشۇرغىلى بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن چىش ئەتراپى ياللۇغى خەۋپىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

    گېرمانىيە ئىنسانلار ئوزۇقشۇناسلىق ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى: چىش كېسەللىكلىرى ۋە ئىككىلەمچى چىش چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى تاماكا چېكىشنىڭ ساغلاملىققا بولغان زىيىنىنىڭ ئەڭ روشەن نەتىجىسى، دەپ كۆرسەتكەن. بۇ نەتىجە تاماكا چەككۈچى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى تاماكا تاشلاشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2015-11/30/content_475842.htm 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز