ئۆت ياللۇغى ۋە ئۆتىدە تاش بار كېسەللەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆتىنى ئالدۇرۋەتكەندىن كېيىن ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۆت ئىنسانلارنىڭ نورمال ھايات كەچۈرىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئەزامۇ ئەمەس. ئۇنى ئالدۇرۋەتسە ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا ھېچقانچە تەسىر يەتمەيدۇ.
ئىلگىرى بەزىلەر ئۆتىنى ئالدۇرۇۋەتكەن بىمارلارنىڭ تېنىدىكى ئۆزگىرىشنى تەتقىق قىلىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ بىۋاستە 12 بارماق ئۈچەي ئىچىگە ئېقىپ كىرىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئۆت نەيچىسىدىكى ئۆت سۇيۇقلۇقى بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆرىنەرلىك ھالدا كۆپىيىدۇ. ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزىنىڭ كومپېناتسىيىلىك رولىنى كېڭەيتىپ ، قىسمەن ئۆتنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. ئۇندىن باشقا ئۆت غول نەيچىسىنىڭ ئاخىرىدىكى پۈرمە مۇسكىلىمۇ رىتىملىق ھالدا ئېچىلىپ – يېپىلىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنى چىقىرىپ، ئوزۇقلۇقنىڭ پەيدىنپەي ھەزىم بولۇش ئىھتىياجىغا ماسلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە مەلۇم شارائىتنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى ۋە تەڭشەپ تۇرۇشى بىلەن جىگەرنىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئاقرىتىش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ.
ئۆتنى ئالدۇرۋەتكەندىن كېيىن، ئادەم تېنىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ئىككى ئاي ۋاقىت قېتىدۇ. بۇ جەرياندا، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ماينى قوبۇل قىلىش ئىتىدارى ۋاقتىنچە مەلۇم مەزگىل تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش ئۈچۈن ، ئۆتنى ئالدۇرۋەتكەنلەر مايلىق يېمەك- ئىچمەكلەرنى مۇۋاپىق كونتىرول قىلىپ، تاماقنى ئاز، پات- پات يەپ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك. ئىككى – ئۈچ ئايدىن كېيىن مايلىق يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق كۆپەيتسە بولىدۇ. ئەگەر باشقىچە ئەھۋال كۆرۈلسە مايلىق يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىنچە يېمەسلىك كېرەك.