تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بالىلارغا دائىم ئىشلىتىلىدىغان قىزىتما ياندۇرۇش ئۇسۇللىرى

 

قىزىتىپ قېلىش−ئورگانىزملارنىڭ سىرتتىن كەلگەن باكتېرىيە، ۋىرۇس قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارغا نىسبەتەن قوغداش خاراكتېرىدىكى بىر خىل ئىنكاسى. دائىم قوللىنىدىغان قىزىتما ياندۇرىدىغان ئۇسۇللار تۆۋەندىكىدەك:

    1. قىزىتما ياندۇرۇپ ، ئاغرىق پەسەيتىدىغان دورىلار . بۇ خىلدىكى دورىلار بەدەن تېمپېراتۇرىسىدىكى مەركىزىي ئورۇنلارنىڭ قىل-قان تومۇرلىرىنى كېڭەيتىپ، تەرلىتىش ئارقىلىق قىزىتما ياندۇرىدۇ. شۇڭا، بوۋاقلارغا دورا بېرىپ بولغاندىن كېيىن قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچۈرۈپ بېرىش كېرەك. دورا يېرىم سائەت ئاتراپىدا تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. قىزىتما ياندۇرۇش ئۇكۇلىنى بالىنىڭ قىزىتمىسى پەقەت 39 گىرادوستىن ئاشقاندا ئاندىن ئۇرغۇزۇش كېرەك. 38.5 گىرادوستىن تۆۋەن بولسا، بوۋاق دورا يېيەلىسە ئىمكان بار ئوكۇل سالدۇرماسلىق كېرەك. ئىلگىرى قىزىپ تارتىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بالىلارغا بەك قىزىپ كەتمىسىمۇ دورا ئىچۈرۈپ تۇرۇش لازىم. قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى پەقەت كېسەلگە نىسبەتەن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى چۈشۈرۈشتىكى بىر خىل ۋاسىتە. بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن كېسەلنى داۋالاش بىلەن ماسلاشتۇرۇش لازىم.

    2. فىزىكىلىق ئۇسۇلدا تېمپېراتۇرىنى چۈشۈرۈش، يەنى قىزىتمىسى ئانچە يۇقىرى بولمىغان بوۋاقلارنىڭ پېشانىسىگە لۆڭگىنى ھۆل قىلىپ قويۇش، گرېلكىغا سوغۇق سۇ ياكى مۇز پارچىسى سېلىپ لاتا بىلەن ئوراپ ياستۇق قىلىپ بەرسىمۇ ياكى كىندىكنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە ياكى يىرىقىغا قويسىمۇ بولىدۇ.

    3.ئىسپىرت بىلەن سۈرتۈش ، يەنى %90 لىك ئىسپرتقا 1/2ئۈلۈش ياكى %70 لىك ئىسپرتقا 1/3 ئۈلۈش سۇ قوشۇپ، ئەگەر ئىسپرت بولمىسا كۆيىدىغان ھاراققا 1/4 ئۈلۈش سۇ قوشۇپ تەڭشەپ، لۆڭگىنى ھۆل قىلىپ، بالىنىڭ پۇت ۋە قولىنىڭ ئالىقىنىغا، كىندىكىگە، بويۇنىنىڭ ئىككى تەرىپىگە، قولتۇقىغا، مەيدە ۋە يىرىقىغا بىر-ئىككى مىنۇت سۈركەپ بەرسە، ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ.

    4. باشقا ئۇسۇللار: ئىلمان سۇ (38-40گىرادۇس ئەتراپىدا) بىلەن پۈتۈن بەدىنىنى سۈرتۈپ يۇيۇش ياكى ئىلمان سۇ بىلەن نەملەنگەن لۆڭگىنى بالىنىڭ يالىڭاچ بەدىنىگە قويۇش ئارقىلىق قىزىتمىنى قايتۇرۇشقا بولىدۇ.

مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/12/content_487181.htm

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز