تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئۆزۈمگە ئاتىغان تىلەك


ئۆزۈمگە ئاتىغان تىلەك

ئەنۋەر سىيىت

(ئو.ساۋۇت تېمىسىغا يانداش)


بەرىكەت نېسىۋەڭ ھامان بار،

چۈنكى تاغلارغا تاغلار يار.

ئېتىقادىڭ كەتمىسۇن ئۇپراپ،

كۈتكەن باغلارغا باغلار يار.


يانسا مەڭزىڭ نۇر بولۇپ،

ئەقىدەڭدە نۇر ئېمىپ يۈر.

بولسۇن قىممىتىڭ ئىنسانچە،

ئۈمىدكە چاپ، بولغىن، يۈگۈر.


ئىخلاس تېمىڭ قۇرۇلسۇن،

ئاڭا ئەل بولسۇن مەھلىيا.

ئۈندۈرسەڭ ئەجىرىڭدىن گۈل،

ئۇنۇتماس ھېچقاچان دۇنيا.



    ئۇنۇتماس ئەسلا سېنى ياراتقان،

 ھېكمەتتىن ئۈندۈرۈپ سېنى.

يۈرىكىڭنى تۇتما ئوتلارغا،

  ئوتلار كۈل قىلىپ تاشلار سېنى.


  ئۇلارنىڭ ئەكسىدە ئۇلۇغلۇق،

 ئەقىللىك يۈرمىسۇن ئاندا بىكار.

 ئارزۇيۇڭ يولىدا توختىمىغىن،

چىن بولغىن بولساڭ چاكار.


ھاپاش ئېتىپ جاھان ھەسرىتىنى،

قېرىتىپ يۈرمە يۈرىكىڭنى ئاسان.

سۆيگۈلۈك ياشا ئويلىغىنىڭدەك،

چۈنكى كائىناتتا سەنمۇ ئىنسان.


                                          2013-يىلى5-ئاينىڭ 21-كۈنى




ئەسلى مەنبەسى: anwar siyit
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز