تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بەزى كېسەللىكلەر ئېرسىيەت قالىدۇ

1. زىققە. ئاتا-ئانىنىڭ بىرىسى زىققە كېسىلىگە گىرىپتار بولسا، بۇ كېسەلنىڭ بالىدا كۆرۈلۈش نىسبىتى %30 تىن %50كىچە بولىدۇ. ناۋادا ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسىلا بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسا، بالىدا بۇ خىل كېسەلنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى %80كە يېتىدۇ. بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بالا ئانىسىنى ئېمىشى، ئۆيدە ئەرمەك ھايۋان باقماسلىق، بالىنى سىرتقا كۆپ چىقارماسلىق، سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقىۋېلىش كېرەك.

2. يۇقىرى قان بېسىم ۋە قاندىكى ماي مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشى. 

ئاتا-ئانىنىڭ بىرىدە بۇ كېسەللىك بولسا، بالىنىڭمۇ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %50 بولىدۇ، ناۋادا ئاتا-ئانىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە بۇ خىل كېسەللىك بولسا، ئۇنداقتا بالىنىڭ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %75 بولىدۇ. شۇڭا بالىنى داۋاملىق تەكشۈرتۈپ، تەركىبىدە شېكەر ۋە ماي مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى كونترول قىلىش كېرەك، بالا بىر ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ كۈندىلىك ئوزۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

3. سېمىزلىك. ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرى زىيادە سېمىز بولسا، بالىنىڭمۇ سېمىز بولۇش نىسبىتى %40 ئەتراپىدا بولىدۇ، مۇبادا ئاتا-ئانىنىڭ ھەر ئىككىسىلا سېمىز بولسا، ئۇنداقتا بالىنىڭمۇ سېمىز بولۇش نىسبىتى %70تىن ئاشىدۇ، شۇڭا بالا كىچىك ۋاقتىدا بەدەن ئېغىرلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ئاتا-ئانا ئۈلگە بولۇپ چېقىشى، يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ياخشىلىشى كېرەك.

4.دىيابېت. ئاتا-ئانىنىڭ بىرىدە دىيابېت بار بولسا، بالىغا ئىرسىيەت قېلىش نىسبىتى %20تىن %40 ئەتراپىدا بولىدۇ. شۇڭا ياخشى يېمەك-ئىچمەك ئادىتى يىتىلدۈرۈپ، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.

5. يېقىنقى كۆرەلمەسلىك كېسىلى. ئاتا-ئانىدا يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلى بولسا، بالىنىڭ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا بالىنى دائىم كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك. 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز