ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېقىنقى تەتقىقات نەتىجىسدىن قارىغاندا، كاسىسى يوغان ئاياللار ئەقىللىق بالا يەڭگىيدىكەن. ئۇلارنىڭ بايقىشىچە، ئاياللارنىڭ چوڭ پاقالچاق ۋە كاسىسىغا يىغىلغان ماي ئانا سۈتى ئارقىلىق يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا يەتكۈزۈلىدىكەن، بۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە چوڭ رول ئوينايدىكەن. ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ماي تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىكەن، ئادەتتە ئۇ ئومۇمىي بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %30 ىنى ئىگىلەيدىكەن، ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئاياللاردا ئاسان ماي شەكىللىنىدىكەن. ئاياللار بالىلارنى ئېمىتىش جەريانىدا، بوۋاقلار كۆپ مىقداردا مايغا ئېھتىياجلىق بولىدىكەن، شۇنىڭدەك ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئارتۇق مايلار بالا ئېمىتىش جەريانىدا خورايدىكەن. ئادەتتە، بالا ئېمىتكەن ئاياللار بىر ئاي ئىچىدە يېرىم كىلوگىرام ئورۇقلايدىكەن.