ئوغلى ئۇخلىغىلى ئۇنىماپتۇ. ئاتىسى ئۇنىڭغا ھېكايە ئېيتىپ بېرىپ ئۇخلاتماقچى بوپتۇ. بىر سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئاتىسى ئوغلىنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقماپتۇ. بىر چاغدا ئانىسى ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ:
_ ئۇ ئۇخلىدىمۇ؟ _ دەپ سوراپتۇ.
_ ئۇخلاپ قالدى._ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئوغلى.
ئىگىسى يوقكەن
سوتچى: ئۇ ماشىنىنى ئوغرىلاشقا قانداق پېتىندىڭ؟
جاۋاپكار: ماشىنىنىڭ ئىگىسى يوق ئىكەن.
سوتچى: قانداق بىلدىڭ؟
جاۋاپكار : چۈنكى ئۇ ماشىنا قەبرىستانلىققا توختىتىپ قويۇلۇپتۇ