تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئىمتىھان مەزگىلىدىكى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە قانداق كاپالەت بار؟

 

  شېنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: 2013-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئىمتىھان مەزگىلىدىكى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟ جامائەت خەۋىپسىزلىكى مېنىستىرلىقى تۈنۈگۈن جايلاردىكى قاتناش تاماقلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قاتناشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئەتىراپلىق مالازىمەت قىلىش، ئامال بار ياردەم قىلىش پىرىنسىپىنى ئاساس قىلىپ، ئىمتىھان مەزگىلىدىكى تاش يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىمتىھان مەيدانى ئەتىراپىدىكى يوللارنىڭ راۋان بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  جامائەت خەۋىپسىزلىكى مېنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىمىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، نۆۋتتە، جايلاردىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىمتىھان مەيدانى ئەتىراپىدىكى يول ئەھۋالىنى كۈزىتىپ، ھەر بىر ئىمتىھان مەيدانىغا مەخسۇس بىر يۈرۈش كاپالەت لاھىيەسى تۈزۈپ چىقىدىكەن ھەمدە ئىمتىھان مەيدانى ئەتىراپىدىكى يوللارغا بولۇپمۇ ئاسان توسۇلۇپ قالىدىغان يول بۆلەكلىرى، يول ئېغىزلىرىغا ساقچى كۆپەيتىپ، قاتناشنى باشقۇرۇپ يېتەكلەشنى كۈچەيتىدىكەن، جەمئىيەتكە كەڭ تەشۋىق قىلىپ قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، ئىمتىھانغا ئاپىرىش ماشىنىلىرى جىددىي ياردەم تەلەپ قىلسا، يول ئېچىپ مېڭىش، ساقچى ماشىنىسىدائاپىرىپ قويۇش قاتارلىق ياردەملەرنى بېرىپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياخشى مۇلازىمەت قىلىدىكەن. ئىمتىھانغا ئاپىرىدىغان ماشىنىلارنى ئاۋال ماڭغۇزىدىكەن، ئىمتىھان بېرىدىغانلارنى توشۇۋاتقان ماشىنىلارنىڭ يەڭگىل قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلىرى بايقالغاندا، ساقچىلار تەربىيە بېرىپ بولۇپلا ماڭغۇزىۋىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدىكەن.

مەنبەسى:ئۇزار تورى

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز