ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى گەپكە كىرگۈزەلمىگىنىدە ھەر خىل گەپلەر بىلەن ئۇلارنى قورقۇتۇشى بىزگە نورمال ئىشتەك بىلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بالىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا تولىمۇ زىيانلىق، بۇ ئۇلارنى جۈرئەتسىز قىلىپ قويىدۇ. بولۇپمۇ «تېز ئۇخلا، بولمىسا بۆرىگە تاشلاپ بېرىمەن»، «يەنە يىغلىساڭ دوختۇر كېلىپ ئۇكۇل سالىدۇ» دېگەندەك سۆزلەر بالىلارنىڭ سەبىي قەلبىگە يارا سېلىپ، ئۇلارنى قورقۇنچ ۋە ئەندىشە ئىچىدە يۈرىدىغان قىلىپ قويىدۇ، بۇنداق بالىلار چوڭ بولغانداقورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ. بەزى ئاتا - ئانىلار ھەتتا بالىلارنى ئۇلارنى ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ قورقىتىدۇ. يەنى بالىلارنىڭ قاراڭغۇدىن قورقىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويىدۇ؛ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنىنى ئويناشتىن چەكلەيدۇ، بۇلار بالىلاردا خارەكتېر ئاجىزلىقىنى پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى ھەمىشە قورقۇپ، تەتىرەپ يۈرىدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن قورقۇتۇلغان بالا كېچىچە قورقۇپ ئۇخلىيالمايدۇ، بۇ ئىش داۋاملىشىۋەرسە بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يېتىدۇ. دېمەك، بالىلارنى قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ فىزولوگىيە ۋە پىسخىك جەھەتتە يىتىلىشىگە نىسبەتەن ئىنتايىن زىيانلىق.