تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاقسۇ شەھىرىدە ئوقۇغۇچى نورمىدىن ئېشىپ كېتىش ۋە بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشى تەس بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى

    ئاقسۇ شەھىرىدە ھازىر ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ 23كە، ئوقۇغۇچىلىرى 45 مىڭ 300گە، پۇقراۋى مەكتەپ ئالتىگە، ئوقۇغۇچىلىرى 5053كە يەتكەن بولسىمۇ، ئوقۇغۇچى نورمىدىن ئېشىپ كېتىش، بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشى تەس بولۇش مەسىلىسى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى. ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شەھەر تەرەققىيات پىلانى ۋە نوپۇسنىڭ كۆپىيىش يۈزلىنىشىگە ئاساسەن، يېڭىدىن شەھەر رايونى ئەتراپىدا مەكتەپ قۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ۋە پۇقراۋى مەكتەپلەرنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق شەھەردىكى مەكتەپلەرنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىش تەدبىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.


  ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار بىرقەدەر كۆپ، دەرسخانىلار قىستاڭ بولۇپ، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى، تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرى يېتىشمەيدىغان ئەھۋال ئېغىر ئىدى. نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرىدىغان مەكتەپلەر ئېھتىياجنى قاندۇرالماي، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى بارغانسېرى ئېغىرلاشتى. يۇقىرىقىدەك ئەمەلىي مەسىلىلەرگە ئاساسەن، ئاقسۇ شەھىرى پىلان، قۇرۇلۇش، باشقۇرۇش جەھەتتىن قول سېلىپ، مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ ‹‹12 – بەش يىل›› پىلانى، شەھەر نوپۇسىنىڭ ئاساسىي سانى، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ تارقىلىش قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىشىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈشنى ئىقتىسادىي – ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نىشانى قىلدى. ئوقۇغۇچىسى نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن ئاقسۇ شەھەرلىك 2 –، 3 –، 4 – باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە جىددىي تۇتۇش قىلدى.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز