ئۇز خېنىم سۈزۈك چىراي
سەيدىمۇھەممەد مېھمان
شامالدەك لېۋىڭنى سۆيگىلى كەلدىم،
ئوت بولۇپ كۆكسۈڭدە كۆيگىلى كەلدىم.
ناۋادا كۆڭلۈمنى رەت قىلار بولساڭ،
يولتۇزسىز كىچەڭدە ئۆلگىلى كەلدىم.
ئىشقىمدىن كائىنات كۈلگە ئايلانسۇن،
بىز يوق يەر قورىسۇن چۆلگە ئايلانسۇن.
ئاھ نىتەي سۆيگۈڭگە دىۋانە، قۇلمەن،
مېھرىمدىن قامغاقمۇ گۈلگە ئايلانسۇن.
قاي زامان چۈشتىكىن دىلغا ئوت-پىراق،
ئول پىراق كۈلكەمنى ئېپ كەتتى يىراق.
ئۇز خېنىم ھىجرىڭدە ۋەيرانە ئەرمەن،
كەل كۆڭۈل خانەمگە ياندۇرغىن چىراق.
سەن كىچەم كۆكىدە پارلىغان بىر ئاي،
سېنىڭسىز زۇلمەتتە ياشاپ نە قىلاي.
ۋىسال دەپ چۆللەرە يالاڭ ئاياغمەن،
قايدا سەن ئۇز خېنىم ئەي سۈزۈك چىراي؟!
2013- يىل 4-دىكابىر سەپەر ئۈستى