تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
زىبۇ-زىننەت بىلەن خاراكتېرنىڭ مۇناسىۋىتى

ئاياللار ياسىنىشقا ئامراق كېلىدۇ، شۇڭلاشقىمۇ ئاياللارنىڭ تۈرلۈك پاسوندىكى زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى كۆپ بولىدۇ. تەتقىقاتلار ئارقىلىق زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن خاراكتېرنىڭ مەلۈم مۇناسىۋىتى بارلىقى يەكۈنلەنگەن.

 قىممەت باھالىق زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ خاراكتېرى كۈچلۈك، مىجەزى ئوچۇق كېلىدىكەن.

 نەپىس بۇيۇملارنى تاقاشنى ياخشى كۆرىدىغانلار راھەت تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىكەن. تۇرمۇشنىڭ رەڭدار بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن.

 قەدىمكى نۇسخىدىكى زىبۇ- زىننەتلەرنى تاقاشنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۆتكەن ئىشلارنى كۆپ ئويلايدىكەن، سىر ساقلىيالايدىكەن، ئىشلارنى ئەستايىدىل قىلىدىكەن.

ئاددىي زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ كۆڭلى تۈز كېلىدىكەن.

 مەرۋايىتتىن ياسالغان زىبۇ-زىننەتلارنى تاقاشنى ياخشى كۆرىدىغانلار پۇلنى ئانچە قەدىرلەپ كەتمەيدىكەن، تەۋەككۈلچىلىكنى ياخشى كۆرىدىكەن.

قۇلۇلە قېپى ۋە ياغاچتىن ياسالغان زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقاشنى ياخشى كۆرىدىغانلار مەنزىرىسى چىرايلىق جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن.

 ئەرزان باھالىق زىبۇ- زىننەتلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلار يۇمۇرىستىك، ھېسسىياتقا باي ۋە جۈرئەتلىك كېلىدىكەن، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئەستايىدىل قىلمايدىكەن.

چوڭ ھالقا ئېسىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار چىرايىغا بەك ئىشىنىدىكەن. زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلار ئاددى- ساددا يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىكەن.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-02/22/content_500507.htm 



ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز