تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئالما يانفۇنلىرىغا يېڭى ئىسم: iPhone6 Plus

 

 

بۈگۈن ئەتىگەندە ئالما شىركېتى يېڭى مەھسۇلات ئىلان قىلىش يېغىنى ئۆتكۈزىدۇ. تاۋۇز چاغىنى مەزگىلىدە بەزى كىشىلەر ئاللىبۇرۇن iPhone6 نى قولغا چۈشۈرۈپ بولغان بولۇپ، نۆۋەتتە iPhone6 نىڭ پىنھان سىرلىرى ئاز قالدى دىيىشكە بولىدۇ. تېخىچە تازا ئېنىق بولماي كېلىۋاتقان بىرلا نوقتا iPhone6 نىڭ باھاسى، رەڭ تۈرلىرى ۋە چوڭ – كىچىك ئىككى خىل iPhone6 لارغا نېمە دەپ نام بېرىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بولۇپ قالدى. ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردىن كۆرە، 4.7 سۇڭلۇق يېڭى يانفۇنغا بىۋاستە iPhone6 دەپ، 5.5 سۇڭلۇق چوڭ يانفۇنغا iPhone6 Plus دەپ نام بېرىلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، iPhone6 نىڭ رەڭ تۈرلىرى، ساقلاش بوشلۇقى قاتارلىقلار iPhone5 بىلەن بىردەك بولىدىكەن. دېمەك iPhone6 نىڭ ئالتۇن رەڭ،كۈلرەڭ، كۈمۈش رەڭلىك نۇسىىلىرىدىن تاللاپ سېتىۋىلىشقا بولىدۇ. ئىچكى ساقلىغۇچ سېغىمى ئايرىم ھالدا 16Gb، 32GB، 64GB بولىدۇ. 5.5 سۇڭلۇق iPhone6 نىڭ يەنە بىر 128GB لىق نۇسخىسىمۇ بولىدۇ. ئالما شىركېتىنىڭ 2014 – يىلى كۈزلۈك يېڭى مەھسۇلات ئىلان قىلىش يىغىنى 9 – ئاينىڭ 9 – كۈنى كالفورنىيە شىتاتى پىتروئەنسا فاكۇلتىتىنىڭ بەدئىي سەنئەت مەركىزىدە ئېچىلىدۇ. ئىككى يۈرۈش يېڭى نۇسخىدىكى ئالما يانفۇنىدىن باشقا رىۋايەتلەردىكى iWatch نىڭمۇ بۇ يېغىندا ئىلان قىلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز