تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
قۇلاقنى دائىم ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، نۇرغۇن كېسەللەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ

كۈندىلىك تۇرمۇشتا ساغلاملىق دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنسىلا، ئادەمنىڭ خىيالىغا بەش ئەزا بىلەن ئىچكى ئەزالارنىڭ ساغلاملىقى كېلىدۇ، لېكىن بەش ئەزانىڭ ئىچىدىكى قۇلاقنىڭ ساغلاملىقىغا كۆپ ئادەملەر ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. بۈگۈن سىلەرگە قۇلاقنى بېسىپ بېرىپ يۈز خىل كېسەللىكنى داۋالاشنى ئۆگىتىمىز.

    قۇلاق بەدەندىكى پۈتۈن جىڭلولارنىڭ يىغىلغان يېرى، ئەگەر ئۇنى داۋاملىق ئۇۋۇلاپ بەرسەك ساقلىقنى ساقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

    ئۈنۈمى ئەڭ تېز قۇلاق ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى:

    1. قۇلاق ئۇچىنى ئۈستىگە تارتىش: باشمالتاق ۋە كۆرسەتكۈچ بارماقنى قۇلاقنىڭ ئۇچىغا قويۇپ قىزارغىچە ئۇۋۇلايمىز، ئاندىن ئۈستىگە5-20 قېتىم تارتىمىز. بۇيەردە مېڭە، داس بوشلۇقى، ئىچكى-سىرتقى كۆپىيىش ئورگىنى، پۇت، تىز، سۆڭگەچ بوغۇملىرىنىڭ رېفلېكىس رايونى بار.

    2. قۇلاق يۆگىمىكىنى ئاستىدىن ئۈستىگە سىرتقا قارىتىپ ئۇۋۇلايمىز: قۇلاق يۆگىمىكىنى باشمالتاق ۋە كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن قىزىغىچە ئۇۋۇلايمىز،ئاندىن سىرتقا قارىتىپ15-20قېتىم ئۇۋۇلايمىز. قۇلاق يۆگىمىكىدە بويۇن ئومۇرتقىسى، بەل ئومۇرتقىسى، كۆكرەك ئومۇرتقىسى، مۈرە، جەينەك قاتارلىق ئەزالارنىڭ رېفلېكىس رايونى بار.

    3. قۇلاق يۇمشىقىنى پەسكە تارتىش: قۇلاق يۇمشىقىنى ئۇۋۇلاپ، قىزىتىپ پەسكە 15-20 قېتىم تارتىمىز.قۇلاق يۇمشىقىدا باش، ماڭلاي، كۆز، تىل، چىش، يۈز قاتارلىق ئەزالارنىڭ رېفلېكىس رايونى بار.

    4. قۇلاق ئىچىنى بېسىش: ئاۋۋال قۇلاق ئېغىزىنىڭ ئىچىگە كىرگەن قىسمىنى ئۇۋۇلايمىز، بۇيەردە يۈرەك، ئۆپكە، يۇتقۇنچاق قاتارلىق پەللە بار، بۇيەرنى بىردەم باسساقلا ئوتتەك قىززىيدۇ. ئاندىن قۇلاق ئىچىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنى ئۇۋۇلاپ قىزىتىمىز، بۇجايدا ئاشقازان، جىگەر، تال، ئۈچەي، كىچىك ئۈچەي، بۆرەك، دوۋساقنىڭ رېفلېكىس رايونى بار.

    5. قۇلاق تۈۋىنى ئاستىدىن ئۈستىگە ئۇۋۇلايمىز: ئوتتۇرا بارماقنى قۇلاقنىڭ ئالدىغا، كۆرسەتكۈچ بارماقنى قۇلاقنىڭ كەينىگە قويۇپ، 40-50 قېتىم ئۇۋۇلايمىز، بۇچاغدا قۇلاقلا ئەمەس، باش بىلەن يۈزمۇ قىزىيدۇ. بۇنىڭ باش ئاغرىش، باش قېيىش، نېرۋا ئاجىزلىشىش، قۇلاق قۇلۇڭداش قاتارلىقلارغا پايدىسى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆسىن تۈزەشكىمۇ ئۈنۈمى بار، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان خانىم-قىزلار سىناپ باقسا بولىدۇ.

بۇ ئاددىي قۇلاق ئۇۋۇلاش ئۇسۇلىنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋە قوپقاندىن كېيىن بىر قېتىم ئېلىپ بارسا بولىدۇ، پۈتۈن جەرياننى تاماملاشقا كۆپ بولغاندا 10 مىنۇت كېتىدۇ. ئىككى ئاي داۋاملاشتۇرسىڭىز يۈزىڭىز پارقىراپ، ئېلاستىكلىقى ئاشىدۇ.

    باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش ئۇسۇلى:

1) چىش مىلىكى ئىششىپ كەتسە قۇلاق يۇمشىقىنى ئۇۋۇلاش كېرەك.

چىش مىلىكى ئىششىپ كەتسە ياكى يۈزگە دانىخورەك چىقسا باشمالتاق ۋە كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن قۇلاق يۇمشىقىنى ئۇۋۇلىسا بولىدۇ، داۋاملىق ئۇۋۇلاپ بەرسە ھۆسىن تۈزەيدۇ.

2) يۈرىكى مۇجۇپ ئاغرىيدىغانلار قۇلاق ئورىسىنى ئۇۋۇلىسا بولىدۇ

قۇلاق ئورىسىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە قان ئايلىنىشقا پايدىسى بار. يۈرەك موجۇپ ئاغرىغاندا جىددىيلەشمەي، دەرھال ئارام ئېلىش ئاندىن تۆۋەنكى قولاق ئورىسىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك. كونكرېت ئۇسۇلى: كۆرسەتكۈچ بارماقنى قۇلاق تۆشۈكىگە قويۇپ، باشمالتاقنى قۇلاقنىڭ كەينىگە قويۇپ ئۇۋۇلاش كېرەك، بۇ ئەڭ ئاددىي جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى، يۈرەك موجۇپ ئاغرىشنى تېزلىكتە پەسەيتىدۇ.

3) ھېق تۇتۇپ قالسا ئۈستۈنكى قۇلاق ئورىسىنى ئۇۋۇلاش كېرەك.

ئۈستۈنكى قۇلاق ئورىسىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە ھەزىم قىلىشقا پايدىسى بار، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ. تال ئاجىز بولسا ياكى ھەزىم قىلىنىشى تەس يېمەكلىكلەرنى خام يىيىش، تاماقنى تېز يىيىشتىن ھەق تۇتۇپ قالىدۇ. بۇۋاقىتتا ئۈستۈنكى قۇلاق ئورىسىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك.

4) ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش ئۈچۈن ئۈستۈنكى-ئاستىنقى قۇلاق ئورىسىنى تەڭ ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك

ئۇيقۇسىزلىق تال ۋە يۈرەكنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولىدۇ، ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش ئۈچۈن كۆرسەتكۈچ بارماقنى قۇلاق تۆشۈكىنىڭ ئورنىغا، باشمالتاقنى قۇلاقنىڭ كەينىگە قويۇپ ئۇۋۇلاش كېرەك.

5) پۇت-قول ئاغرىسى قۇلاق يۆگىمىكىنى ئۇۋۇلاش كېرەك.

بويۇن، مۈرە، بەل ئاغرىقى بارلار قۇلاق يۆگىمىكىنى دائىم ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك.




ئەسلى مەنبەسى: zhongyi.ifeng.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز