خېلى يىللاردىن بۇيان مەن ياشلارغا ئىزچىل تۈردە مۇنداق بىر ئاددىي ھەم ئۈنۈملۈك بولغان ئۇقۇمنى ئۆگىتىپ كېلىۋاتىمەن، ئۇ بولسىمۇ چۈمۈلە پەلسەپەسى. مېنىڭچە كۆپچىلىك ئەلۋەتتە چۈمۈلىدىن ئۆگىنىشى كېرەك، چۈنكى ئۇلارنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تۆت بۆلۈملۈك پەلسەپىسى بار.
بىرىنچى بۆلۈم، چۈمۈلە ھەرگىز ۋاز كېچىپ باققان ئەمەس. ئەگەر ئۇلار مەلۇم بىر نىشانغا كېتىۋاتقاندا، سىز ئۇلارنىڭ يولىنى توسماقچى بولسىڭىز، ئۇلار شۇئان باشقا بىر يولنى تاللايدۇ. ئۇلار قولىڭىزنىڭ دۈمبىسىدىن ياكى ئالقىنىڭىزدىن ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ ۋە ياكى ئايلىنىپ ماڭىدۇ تاكى باشقا بىر يولنى تېپىۋالغانغا قەدەر. بۇ نېمە دېگەن ئاجايىپ پەلسەپە ھە! بۇنىڭدىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەرگىز ۋاز كەچمەي، يېڭىچە بىر يولنى ئىزدەپ ماڭسىڭىزلا، ئۆزىڭىز بارماقچى بولغان جايغا چوقۇم بارالايسىز.
ئىككىنچى بۆلۈم، چۈمۈلە يازدا قىشنىڭ غېمىنى قىلىدۇ. بۇ نېمە دېگەن چوڭقۇر كۆزىتىش ئىقتىدارى ھە! ياز مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، دەيدىغان ساددا خىيالدا بولماڭ، شۇ سەۋەبتىن يازنىڭ مەمۇرچىلىق ئايلىرىدا چۈمۈلىمۇ تىرىشىپ – تىرمىشىپ ئۆزىگە قىشلىق ئوزۇق توپلايدۇ. ‹‹يازدا ئۆيۈڭنى ساھىلدىكى قۇملۇققا سالما›› دەيدىغان بىر ھېكمەت بار. بىز نېمىشقا ئاشۇ ھېكمەتكە ئېھتىياجلىق بولىمىز؟ سەۋەبى يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزگەنلىك ئىنتايىن ئاقىلانىلىك. ياز كۈنلىرى سىز ساھىل بىلەن قۇياش نۇرىنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتقان چېغىڭىزدا، بوران – چاپقۇن بىلەن قارا يامغۇرنىمۇ ئېسىڭىزگە ئېلىپ قويۇشىڭىز كېرەك.
ئۈچىنچى بۆلۈم، چۈمۈلە قىشتا يازنىڭ غېمىنى قىلىدۇ. بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم. پۈتۈن بىر قىشتا چۈمۈلە ئۆزىنى ‹‹قىش بەك ئۇزاققا سوزۇلمايدۇ، بىز ناھايىتى تېزلا سىرتقا چىقىمىز›› دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا ھاۋا ئىللىغان تۇنجى كۈنى چۈمۈلىلەر سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. مۇبادا ھاۋا سوۋۇپ قالغۇدەك بولسا، ئۇلار يەنە ئۇۋىسىغا قايتىپ سەۋرچانلىق بىلەن ساقلايدۇ، شۇنداق بولغاچقىلا چۈمۈلىلەرنىڭ ھاۋا ئىللىغان تۇنجى كۈنى ئۇۋىسىدىن چىقىشى مەڭگۈ داۋاملىشىۋېرىدۇ.
چۈمۈلە پەلسەپىسىنىڭ تۆتىنچى بۆلۈمى، چۈمۈلىلەر يازدا پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، تىرىشىپ – تىرمىشىپ قىشلىق ئوزۇق توپلايدۇ. ‹‹پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىش!›› ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى قايىل قىلىدىغان پەلسەپىدۇر.
‹‹ھەرگىز ۋاز كەچمەسلىك، يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزۈش، ئاكتىپلىق بىلەن ئالغا ئىنتىلىش›› بۇلار بۈيۈكلۈككە ئىگە چۈمۈلە پەلسەپىسى.
پەرىزات پولات ئامانيار تەرجىمىسى