تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ساغلاملىققا پايدىلىق بولغان ئىلمىي تۇرمۇش ئادەتلىرى

1. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق يىمەكلىكلەر بىلەن غىزالىنىش ئادىتى.

    نان-ئوتتا قاقلاپ پىشۇرۇلىدۇ. بۇ يىمەكلىك تولىمۇ مىزىلىك ، يېيىشلىك ھەم سىڭشلىك، ھېچقانداق زىيىنى يوق ئاساسلىق يىمەكلىك. خەلقىمىزنىڭ تاماقلىرى يەنە سەۋزە بىلەن باش پىيازدىن ئايرىلالمايدۇ. باش پىياز خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىپ مىكىرۇپ ئۆلتۇرۇپ، يۈرەكنى كۈچەيتىدۇ. قان شېكىرىنىڭ يۇقىرلاپ كېتىشنى توسۇش بىلەن بىللە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى گۇڭگۇرت راكقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. گۈش، سەۋزە، باش پىياز بىلەن شورپا قىلىپ، نان چىلاپ يىسە تولىمۇ قۇۋۋەتلىك تائام بولىدۇ. خەلقىمىز يەنە ھەسەل، قېتىق، ياڭاق قاتارلىق يىمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ھەسەلنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ ساغلاملاشتۇرۇش يېمەكلىكى دېگەن نامى بار بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىنى سەككىز خىل ئاساسى ئامىنۇ كىسىلاتاسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. قېتىقتا كۆپ مىقداردا سۈت كىسىلاتاسى بولۇپ، ئۇ راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ياڭاق تەركىبىدە ۋىتامىن ۋە مىنرالنى ماددىلار ئىنتايىن مول بولۇپ، تەكشۈرۇشلەرگە قارىغاندا دۇنيادىكى يۈز ياشتىن ئاشقانلارنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرىقى يىمەكلىكلەردىن يىگەن ئىكەن. ھەمدە ياڭاق بىلەن ئۈزۇمنى سوقماق قىلىپ قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلۇق بىلەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر بۇنىڭدىن غىزالىنىپ كەلگەن.

    2. سەھەر قوپۇش ئادىتى.

    بۇنىڭ ساغلاملىق ئۈچۇن پايدىسى ئىنتايىن ياخشى. سەھەر قوپۇپ بىر ئىستاكان سۇۋۇتۇلغان قايناق سۇنى ئىچكەندە ئۆتكە تاش چۈشۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۇ كېچىدىن يىغىلغان زەھەرنى زەھەرسىزلەندۇرۇپ، ناشتا قىلىش ئارقىلىق بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ. ئەتىگەندىكى ھاۋا تولىمۇ ساپ بولىدۇ. يامغۇر ياغقاندىن كىيىنكى ھاۋا تېخمۇ شۇنداق، چۈنكى يامغۇر ھاۋانى تازلاپ ساپلاشتۇرىدۇ.

    3.ھەرىكەت قىلىش ئادىتى.

    «ھاياتلىق ھەرىكەت» تە دېگەندەك مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق چېنىقىپ بىرىشنى ئادەت قىلغان يۈز ياشتىن ئاشقان ئۆمۈر چولپانلىرى كىچىكىدىن تارتىپ ئەمگەك قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەلگەن.

    يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە، ئاپتاپقا مۇۋاپىق قاقلىنىپ بىرىش؛ سەھەر تۇرۇپ 30 مىنۇت پىيادە مېڭىپ ياكى ئاستا يۇگۈرۇپ بېرىش كېرەك.

    يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، كىشىلەر بىلەن ئەپ ئۆتۇش كىرەك. ياخشى ئىش قىلغاندا ئادەمنىڭ كەيپىياتنىڭ جۇشقۇن، روھىي جەھەتتە خۇشال بولىدىغانلىقى يەنە ئادەمنىڭ ئىمۇنىتىت سىستىمىسىنىڭ ياخشلىنىدىغانلىقى بايقالغان.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-02/18/content_498924.htm 



ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز