تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
دىئابېت كېسەللىكىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىش، سۈيدۈك تۇتالماسلىق، «گازلىق سۈيدۈك» چىقىرىش. قان شېكىرىنىڭ يۇقىرى بولۇشى داس بوشلۇقىدىكى نېرۋا توقۇلمىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، سىيدۈرۈش مۇسكۇللىرىنىڭ كېرىلىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، سىيىش قىيىنلىشىش ياكى سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. 

بارماق ئۇچلىرى ئۇيۇشۇش. شېكەر مېتابولىزمنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى بىلەن نېۋرون ياللۇغى، پۇت-قول ئۇيۇشۇش، سېزىم گاللىشىش ياكى يوقاش، يول ماڭغاندا خۇددى پاختىنىڭ ئۈستىدە ماڭغاندەك بىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئالامەتلەر دىئابېت كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ %49دە كۆرۈلىدۇ شۇڭا بارماق ئۇچى سەۋەبسىز ئۇيۇشىدىغانلار قان شېكىرىنى تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك. 

مۈرە ئاغرىش، قېتىۋېلىش. شېكەر مېتابولىزمنىڭ قالايمىقانلىشىشى ئارتېرىيە قېتىشىش، نېۋرون ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مۈرە بوغۇمى ئەتراپ نېرۋىلىرى مۇسكۇل توقۇلمىلاردا پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مۈرە ئاغرىيدۇ، قېتىۋالىدۇ، قولىنى كۆتۈرگەندە ۋە قايرىلىپ قارىغاندا ئاغرىيدۇ، شۇڭا مۈرىسى ئاغرىيدىغان ھەم ئۇزۇنغىچە ساقايمىغان كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى قان شېكىرىنى تەكشۈرتۈپ بېقىشى كېرەك. 

دائىم ياكى پات-پات ئىچ سۈرۈش. دىئابىت كېسەللىكى بىمارلىرىدا دائىم ئاشقازان ئاستى بېزى مەنبەلىك ئىچ سۈرۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئالاھىدىلىكى: كۈندىلىك تەرەت قېتىم سانى 2-10قېتىمغىچە بولىدۇ، دائىم تاماقتىن كېيىن كېچىدە ياكى سەھەردە ئىچى سۈرىدۇ. 

ساقايتقىلى بولمايدىغان ياللۇغلىنىش. دىئابىت كېسەللىكى بىمارلىرىدا ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ مۇداپىئە كۆرۈش ۋە يۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، قان شېكىرىنىڭ يۇقىرىلىقى كېسەللىك باكتېرىيىلەرنىڭ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دائىم تېرە، ئېغىز بوشلۇقى، ئۆپكە، سۈيدۈك يولى جىنسىي يول قاتارلىق ئەزالارنىڭ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا قايتا-قايتا يۇقۇملانغان، ساقايتقىلى بولمايدىغان داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولمىغان بىمارلار سۈيدۈك شېكىرى ۋە قان شېكىرىنى تەكشۈرتۈپ بېقىشى كېرەك. 

تېرە سۇلۇق قاپارتمىسى. شېكەر مېتابولىزمنىڭ پەۋقۇلاددە بولۇشى تېرە ئوزۇقلۇقىنى توسقۇنلۇققا، قىل-قان تومۇرلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، تېرە سۇلۇق قاپارتمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئالاھىدىلىكى: قاپارتما دائىم قول پۇت بارماقلىرى، قول پۇتنىڭ دۈمبە قىسمىغا چىقىدۇ، بىرسى ياكى بىرنەچچىسى تەڭ چىقىدۇ، چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ، قاپارتما تېمى نېپىز، ئىچىدە سۈزۈك يىرىڭ بولىدۇ، ئاغرىمايدۇ، قاپارتما ئەتراپى قىزىرىدۇ، تۇيۇقسىز پەيدا بولىدۇ، ئۆزى داۋالىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن قايتا-قايتا كۆرۈلىدۇ، دائىم كۆيگەن تېرىگە ئوخشاش سۇلۇق قاپارتما چىقىدىغان بىمارلار قان شېكىرىنى تەكشۈرتۈپ بېقىشى كېرەك. 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز