ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
1-خىل ئالدامچىلىق: ئاشقازان ئاستى بېزىنى كۆكلىتىمىز.
كوچىلاردا تارقىلىپ يۈرگەن توغرا تەشۋىقات ئېلانلىرىدا «ئاشقازان ئاستى بېزىنى كۆكلىتىمىز»،«دىئابىتنى داۋالاپ ساقايتىمىز» دەيدىغان مەزمۇنلارنى چېلىقتۇرىمىز. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ، چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ھايۋاناتلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدا ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقى ئايان بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەتقىقات تېخى ئادەملەرگە تەتبىقلانمىغان. شۇڭلاشقا ئاشقازان ئاستى بېزىنى ساقايتىش توغرىسىدىكى دورىلارنىڭ ھەممىسى مۇبالىغە.
2-خىل ئالدامچىلىق: ئۆسۈملۈك ئىنسۇلىنى ئارقىلىق داۋالايمىز.
ئېلانلاردا مۇنداق سۆزلەرنى ئۇچرىتىمىز «غەربچە دورا يۈرەك بىلەن جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، لېكىن بىزنىڭ جۇڭيى دورىلىرىمىز تەركىبىدە ئاچچىق كاۋىدىن ئايرىپ ئېلىنغان ئۆسۈملۈك ئىنسۇلىنى بار، ھەرگىز ئەكس تەسىرى بولمايدۇ،%100لىك تەبىئىي مەھسۇلات». نۇرغۇن ئادەم بۇ گەپلەرگە ئاسانلا ئىشىنىدۇ، ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، «ئۆسۈملۈك ئىنسۇلىنى» دىگەن ئاتالغۇنىڭ ئۆزىلا تېخى تىبابەتتە مەۋجۇت ئەمەس. ئاچچىق كاۋىدىن ئۆسۈملۈك ئىنسۇلىنى ئايرىپ ئېلىشنىڭ تېخىمۇ ئاساسى يوق.
3-خىل ئالدامچىلىق:بەدەندىكى قەنتنى ئېرىتىپ ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرۇپ داۋالايمىز.
بەزى تور بەتلەردە «بەدەندىكى قەنتنى ئېرىتىپ، ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرۇش، ھۈجەيرىلەرنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى توكسىنلارنى ھەيدەپ، گلۇكوزا ئوكۇلىنى ئۇرۇپ، قاندىكى قەنت مىقدارىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش» ھەققىدىكى بايانلارنى كۆرۈپ قالىمىز. بۇ يەردە ئەڭ ئاۋال دەيدىغىنىمىز، مەيلى جۇڭيى تىبابىتى ياكى غەرىپ تىبابىتى بولسۇن، ھەر ئىككىسىدە «قەنتنى ئېرىتىش» دەيدىغان گەپ يوق.
4-خىل ئالدامچىلىق: ساقلىق ساقلاش دورىلىرى قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ساقلىق ساقلاش دورىلىرىنى يېيىش ئارقىلىق قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىۋاتىمەن، دەپ ئويلايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا قان قەنتى ھەقىقەتەن تۆۋەنلەيدۇ، لېكىن تۇراقسىزلىق يۈز بېرىپ قان قەنتى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ساقلىق ساقلاش دورىلىرىغا قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىدىغان تەركىپ قوشۇلغان، بۇنداق ۋاقىتلىق دورىلارنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
5-خىل ئالدامچىلىق: ئىنسۇلىن ئىشلەتمەي داۋالاپ ساقايتىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.
«دىئابېت كېسىلىنى يىلتىزىدىن ساقايتىشنىڭ مەخپىي رېتسىپى»،«جۇڭيى دورىسى بىلەن دىئابىتنى داۋالاپ ساقايتىش» دېگەنگە ئوخشاش ئېلانلار تېخىمۇ ئىشەنچىسىز. چۈنكى دىئابېت كېسىلى سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەل، بۇنداق كېسەلنى يىلتىزىنى ساقايتقىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا دىئابېت كېسىلى ئاغرىقلىرى ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرۇشى، قان قەنتىنى مەلۇم دائىرىدە كونترول قىلىپ،قاندىكى قەنىت مىقدارنىڭ تۇرغۇنلۇقىنى ساقلاشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك.