ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
راك تەتقىقات مۇتەخەسىسلىرى يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: بوغماق، تۈز ئۈچەي راكىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق ئەمەس، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشمۇ نىسبەتەن قىيىن. شۇڭا ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆزگەرتىپ ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ تۇرغاندا، بوغماق ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بوغماق ئۈچەي ئۆسمىسىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتا ئوپېراتسىيە قىلىنغانلارنىڭ%90 ى ئوپېراتسىيىدىن كېيىن ساقايغان، كېيىنكى باسقۇچتىكىلەرنىڭ ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى ساقىيىش نىسبىتى %10 بولغان. ئېلىمىزدە تۇز ۋە بوغماق ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش ئوتتۇرىچە يېشى 60 ياش بولۇپ، 40 ياشتىن باشلاپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك ئىكەن. ئەگەر چوڭ تەرىتى قان ئارىلاش كەلسە، ئومۇميۈزلۈك بەدەن تەكشۈرتۈش كېرەك ئىكەن.