ئۇيقۇسىزلىقنىڭ دەردىنى تارتىپ باققانمۇ؟ ئۇخلىيالماسلىقنىڭ ئۈستىگە قانداقلا ياتسىڭىز ئۆزىڭىزنى بىئارام ھېس قىلىسىز. كۈندە ئۇخلىيالمايدىغانلار ھەركۈن كېچىنى قانداق ئۆتكۈزەر دەپ ئويلاپ قالىمەن... بۈگۈن دۇنيا ئۇيقۇ كۈنى، بۈگۈن سىزگە تېزدىن ئۇخلاش ئۇسۇلىدىن ئىككىنى تونۇشتۇرىمىز، راھەتلىنىپ قالىسىز.
يېقىندا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن دوختۇر ئاندىرو ئۇخلاشقا ياردەم بېرىدىغان «4-7-8 نەپەسلىنىش ئۇسۇلى»نى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدا دورا ياكى ئۈسكۈنە كەتمەيدۇ، بۇ ئۇسۇل بىلەن 60 سېكۇنتتا ئۇخلايسىز!
بۇ ئۇسۇل بەك ئاسان: بۇرنىڭىزدا تۆت سېكۇنت نەپەس ئېلىپ، يەتتە سېكۇنت نەپەسنى ساقلاپ، ئاندىن سەككىز سېكۇنت نەپەس چىقىرىسىز، ئۈچ قېتىم داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن ئۇيقۇڭىز كېلىدۇ. بىرىنچى قېتىم قىلغاندا بەلكىم تەسىرى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن بىر كۈندە ئىككى قېتىمدىن 6-8 ھەپتە داۋاملاشتۇرسىڭىز، 60 سېكۇنت ئىچىدە ئۇخلىيالايدىغان بولۇپ كېتىسىز!
بۇ ئۇسۇل قەدەىمقى ھىندىستاننىڭ نەپەس تەڭشەش ئۇسۇلى، چوڭقۇر نەپەس ئېلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئوكسېگىننى ئۆپكىگە يىغىپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، بېسىمنى يېنىكلىتىپ، بەدەننى ھەقىقىي تىنچلاندۇرۇپ ئۇخلاش شارائىتىنى ھازىرلايمىز.
يەنە بىر ئۇسۇل بولسا «دىققەتنى بۇراش ئۇسۇلى»، بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنىمىمۇ بەك ياخشى:
1. كارىۋاتتا پۇل-قوللىرىمىزنى تۆت تەرەپكە كېرىپ يېتىپ، پۈتۈن بەدىنىمىزنى يەنى مۇسكۇل ۋە كەيپىياتنى تىنچلاندۇرىمىز.
2. كۆزىمىزنى يۇمۇپ دىققىتىمىزنى قوشۇمىمىز ئارىسىدىكى «يىنتاڭ» پەللىسىگە يىغىمىز، ئاندىن كۆڭلىمىزدە «بېشىم ئېغىرلاشقا باشلىدى، پۈتۈنلەي يېنىكلەپ قالدىم» دەپ ئويلاپ، ئۆزىنى قويۇۋەتكەندىن كېيىنكى تۇيغۇدىن راھەتلىنىمىز.
3. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن دىققىتىمىزنى ئوڭ قولىمىزغا بۇراپ، كۆڭلىمىزدە «ئوڭ قولۇم ئېغىرلاشتى، پۈتۈنلەي يېنىكلەپ قالدىم» دەپ ئويلايمىز.
4. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن دىققىتىمىزنى ئوڭ پۇتىمىزغا بۇراپ، كۆڭلىمىزدە «ئوڭ پۇتۇم ئېغىرلاشتى، پۈتۈنلەي يېنىكلەپ قالدىم» دەپ ئويلايمىز.
5. ئاندىن دىققىتىمىزنى سول تەرىپىمىزگە يۆتكەپ ،كۆڭلىمىزدە «سول پۇتۇم ئېغىرلاشتى، پۈتۈنلەي يېنىكلەپ قالدىم» دەپ ئويلايمىز، بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن دىققىتىمىزنى سول قولىمىزغا بۇراپ، كۆڭلىمىزدە «سول قولۇم ئېغىرلاشتى، پۈتۈنلەي يېنىكلەپ قالدىم» دەپ ئويلايمىز.
6. دىققىتىمىزنى قايتىدىن بېشىمىزغا بۇراپ1-باسقۇچنىدىن باشلاپ قايتىدىن باشلايمىز.
بۇنداق قىلىشنىڭ مەقسىتى بەدىنىمىزدىكى ھەربىر ئەزاغا «مەن ئۇخلايمەن» دېگەن بۇيرۇقنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزۈممۇ سىناپ باقتىم، ئۈچ قېتىم داۋاملاشماي تۇرۇپ ئۇخلاپ قالدىم. ئەگەر سولخاي بولسىڭىز سول تەرەپتىن باشلاپ ئىشلەڭ.
بۇ ئۇسۇل بەك ئاسان، ئۈنۈمىمۇ شۇنداق ياخشى. ئۇيقۇسىزلىقنىڭ تۈپكى سەۋەبى پۈتۈن بەدەن قېتىشىپ، جىددىيلىشىش ئۆزىنى ئەركىن قويالماسلىق. بەزىلەر ئۇخلىيالمىسىلا ئۇيقۇ دورىسى ئىچىدۇ، 2-كۈنى قوپقاندا پۈتۈن بەدىنىنى ماغدۇرسىز ھېس قىلىدۇ، بەزىدە ھەتتا بەدىنىنى مىدىرلىتالماي قالىدۇ.
لېكىن «دىققەتنى بۇراش ئۇسۇلى» بىلەن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىڭىزنى قويىۋېتىسىز. پۇت-قوللىرىڭىزنى كېرىپ ياتقاندا، پۈتۈن بەدىنىڭىزدىكى نېرۋا، مۇسكۇللار ئەڭ چوڭ كۆلەمدە تىنچلىنىدۇ.
«دىققەتنى بۇراش ئۇسۇلى» ئۇيقۇسىزلىقنىلا داۋالاپلا قالماستىن، يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى يوقىتىدۇ ھەمدە تەشۋىشسىزلىنىش، تىت-تىت بولۇش، ئىچى پۇشۇش قاتارلىق ناچار كەيپىياتلارنىمۇ تۈگىتىدۇ.