توقسۇ ناھىيەسىدە مەكتەپ ئەتراپى مۇھىتى ياخشىلاندى
يوللانغان ۋاقىت: 2013-01-27
يوللىغۇچى: شىرئەلى
ئاۋاتلىقى: 460 قېتىم كۆرۈلدى
نىياز ساتتار خەۋەر قىلىدۇ: توقسۇ ناھىيەسىدە مەكتەپ ئەتراپى مۇھىتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار تۈگىتىلىپ، ئاتا–ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلار خاتىرجەم قىلىندى.
ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، بۇ ناھىيەدە ئاممىنىڭ مەكتەپ ئەتراپى مۇھىتى توغرىسىدىكى ئىنكاسى كۆپىيىپ قالغانىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى مائارىپ، سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، مەدەنىيەت، سۈپەت–تېخنىكا نازارەتچىلىكى، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق ئورۇنلارنى ماسلاشتۇرۇپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئەتراپىدىكى دۇكان، يايما ۋە بىر قىسىم يېمەكلىك پىششىقلاش ئورۇنلىرىنى مەخسۇس تەكشۈردى. تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان زاۋۇت ئادرېسى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى ئېنىق بولمىغان، سۈپىتى ئۆزگەرگەن، سۈپەتسىز يېمەكلىكلەرنى ساتقانلارنى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلدى. مەكتەپ ئەتراپىدىكى تورخانا، ئۈن–سىن بۇيۇملىرى دۇكانلىرىنى تەكشۈرۈپ، زوراۋانلىق، شەھۋانىيلىق، خۇراپاتلىق تۈسىنى ئالغان ئۈن–سىن بۇيۇملىرى، ئېلېكتىرونلۇق نەشر بۇيۇملىرىنى مۇسادىرە قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپ ئەتراپىدىكى يوللارنىڭ قاتناش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا–ئانىلارنى خاتىرجەم قىلدى.
ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى