تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
جۇڭگودىن باشقا، دۆلەتلەردە iPhone نىڭ بازار ئۈلۈشى كىچىكلىمەكتە

4-ئاينىڭ 6-كۈنى، «فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىستېمال تەكشۈرۈش ئورگىنى Kantar Worldpanel ComTech نىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرىغا بولغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، iPhone نىڭ بازار ئۈلۈشى ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەدە ئۇدا 2 ئاي تۆۋەنلىگەن، لېكىن جۇڭگو بازىرىدا ئۇدا 4 ئاي كۈچلۈك ئېشىشنى ساقلاپ قالغان.

بۇ يىل بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئايدا، تەرەققىي قىلغان 7 دۆلەتتىكى iPhone نىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرىدىكى بازار ئۈلۈشى تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئامېرىكىدىكى بازار ئۈلۈشى ئەسلىدىكى %47.7 تىن %38.8 كە تۆۋەنلىگەن، ياپونىيەدە ئەسلىدىكى %60.2 تىن %49.8 كە تۆۋەنلىگەن، گېرمانىيەدە ئەسلىدىكى %20.9 تىن %17.4 كە تۆۋەنلىگەن، ئەنگلىيەدە ئەسلىدىكى %42 تىن %38.6 تۆۋەنلىگەن، فىرانسىيەدە ئەسلىدىكى %23 تىن %21.6 كە تۆۋەنلىگەن، ئىتالىيەدە ئەسلىدىكى %18.3 تىن %17.5 كە تۆۋەنلىگەن، ئىسپانىيەدە ئەسلىدىكى %12.9 تىن %8.7 كە تۆۋەنلىگەن.

جۇڭگو بازىرىدىكى بازار ئۈلۈشى ئەكسىچە بولغان، بۇنىڭ سەۋەبى بەلكىم iPhone6 نىڭ بۇلتۇر 10-ئايدا ئاندىن بازارغا چىقىشى، 2-ئايدا باھار بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ 4G تورىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى قاتارلىقلار بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئامىللار iPhone نىڭ بىرىنچى پەسىلدىكى كەسىپ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن كەلگۈسى بىر قانچە ئايدىكى سېتىلىش ئەھۋالى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ئالمىنىڭ جۇڭگو شەھەرلىرىدىكى بازار ئۈلۈشى بۇلتۇر 11-ئايدىكى %18.1 تىن يۇقىرىلاپ بۇ يىل 2-ئايدىكى %27.6 كە يەتكەن.

Kantar Worldpanel ComTech نىڭ باش ئانالىزچىسى كارولىنا مىلانىس (Carolina Milanesi) نىڭ دېيىشىچە، iPhone6 Plus بولسا iPhone6  ۋە شياۋمىنىڭ خۇڭمى Note دىن قالسا سېتىلىشى ئەڭ تېز بولۇۋاتقان ئۈچىنچى يان تېلېفون تىپى ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن بىرگە كونا نۇسخىدىكى iPhone مۇ كۆپ سېتىلىۋاتقان بولۇپ، سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە ئالما بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، شياۋمى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان.


ئەسلى مەنبەسى: 163.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز