كۆپلىگەن كىشى قۇلاق غوڭۇلداشنى قۇلاق كېسەللىكى، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە قۇلاق غوڭۇلداش قۇلاق كېسەللىكىنىڭلا بېشارىتى بولۇپلا قالماستىن، تۆۋەندىكى كېسەللىكلەرنىڭ بېشارىتىدۇر:
1. كەم قانلىق كېسىلى. ئارتېرىيە تومۇرى قېتىشىش، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى، بويۇن ئومۇرتقا ياللۇغى، دىيابېت قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار قۇلاق غوڭۇلداشتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.
2. ئاڭلاش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان كېسەللىكلەر، يەنى نېرۋا ئۆسمىسى، كىچىك مېڭە ئۆسمىسى، مېڭە غولى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردىمۇ قۇلاق غوڭۇلداش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
3. قان تومۇرى بېسىلىپ قالسىمۇ قۇلاق غوڭۇلدايدۇ.
4. قان تومۇرى زىيادە تارىيىپ كەتسىمۇ قۇلاق غوڭۇلداپ، ئاڭلاش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
5. روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلاردىمۇ قۇلاق غوڭۇلداش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.