تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
كالا سۈتىگە قەنتنى كۆپ قوشۇشقا بولمايدۇ

 بەزى كىشىلەر كالا سۈتىگە قەنت قوشۇپ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. دەرۋەقە كالا سۈتىگە قەنت قوشۇپ ئىچكەندە، كاربون-سۇ بىرىكمىلىرى تەمىنلەپ بېرىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، قەنت قېتىلغان كالا سۈتى ھەزىم قىلىشقىمۇ پايدىلىق. بىراق كالا سۈتىگە قېتىلىدىغان قەنت چوقۇم بەلگىلىك مىقداردا بولۇشى كېرەك، ئادەتتە ھەر 100 مىللىلېتىر كالا سۈتىگە بەش ~ ئالتە گىرام قەنت قوشسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەگەر كالا سۈتىگە قوشقان قەنت بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز تەسىرلەرنى بېرىدۇ.

    كالا سۈتىگە قەنت تۈرىدىكىلەرنى قېتىشقا توغرا كەلسە، ئەڭ ياخشىسى شېكەر ئىشلىتىش كېرەك، چۈنكى شېكەر ھەزىم قىلىش يولىغا كىرگەندىن كېيىن، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى تەرىپىدىن پارچىلىنىپ، گىلۇكوزىغا ئايلىنىپ، بەدەن تەرىپىدىن ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ. دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر نۇقتا، قەنت بىلەن كالا سۈتىنى بىرلىكتە قىزدۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇنداق قىلغاندا كالا سۈتى تەركىبىدىكى لىسىن كىسلاتاسى قەنت بىلەن يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتى ئاستىدا رېئاكسىيەگە كىرىشىپ، سالامەتلىككە زىيانلىق ماددا گىلىكوزىل لىزىننى ھاسىل قىلىدۇ. بۇنداق ماددا ئادەتتە سالامەتلىككە زىيانلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال قايناتقان كالا سۈتىنى سوۋۇتۇپ ئىلمان ھالىتىگە كەلگەندە، يەنى كالا سۈتىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃40 ~ ℃50گە چۈشكەندە، ئاندىن قەنت قوشسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز