ئالما شىركىتىنىڭ iPhone 5S يانفونى ۋە ئەرزان باھا نۇسخىلىق iPhone يانفونىنىڭ بازارغا سېلىنىشىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئالما شىركىتىنىڭ نۆۋەتتە بازاردا سېتىلىۋاتقان iPhone 5 يانفونى قارىماققا ئۆزىنىڭ < ۋەزىپىسى> نى ئادا قىلىپ بولغاندەك قىلاتتى، يەنە ئالما شىركىتىنىڭ iPhone 5 يانفونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى توختىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن. كورىيە ئاخبارات ۋاستىسى-ETNews نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى مالۇماتىغا قارىغاندا، ئالما شىركىتى iPhone 5 يانفونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى توختىتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن iPhone 5S يانفونى ۋە ئەرزان باھا نۇسخىلىق iPhone يانفونى ئىشلەپچىقىرىشقا ئاتلىنىدىكەن.
كورىيە ئاخبارات ۋاستىسى-ETNews نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان iPhone 5S يانفونى چەكمە كونتىروللۇق ئېكرانىنىڭ in-cell تېخنىكسى < كىچىك كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىشقا ماس كەلمەيدىغان> بولۇپ، شۇڭلاشقا ئالما شىركىتى iPhone 5 يانفونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان ھەم پۈتۈن كۈچى بىلەن iPhone 5S يانفونى ئىشلەپچىقىرىشقا ئاتلىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزكۇر ئاخبارت ۋاستىسى يەنە خەۋەر بىلەن تەمىنلىگۈچى زاتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئالما شىركىتىنىڭ iPhone 4 ۋە iPhone 4S يانفونىدىن ئىبارەت ئىككى خىل يانفونىنىمۇ بازاردىن ئۈزۈل كېسىل چېكىندۈرۈپ چىقىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى بولسا بۇ ئىككى خىل iPhone يانفونىغا ئەڭ يېڭى
Lightning ئېغىزى ئىشلىتىلمىگەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن، ئالما شىركىتى كەلگۈسىدە ھەرگىزمۇ بازارغا پەقەت ئىككى خىللا iPhone يانفونىنى سېلىپ قۇيۇپ قاراپ تۇرمايدىغان بولۇپ، شۇڭلاشقا ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ بۇ قېتىم iPhone 5 يانفونىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىشى بولسا ۋاقىتلىق توختىتىش بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن. ئالما iPhone 5 يانفونىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس بولۇپ، بولۇپمۇ ئالما شىركىتى iPhone 5S يانفونى ۋە ئەرزان باھا نۇسخىلىق iPhone يانفونىنى بازارغا سالغاندىن كېيىن بازاردا يەنە iPhone 5 يانفونىغا ئورۇن قالامدۇ يوق دېگەن مەسلىگە يەنىلا ئالما شىركىتىنىڭ بازارنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشى جاۋاب بېرەلەيدۇ. لېكىن ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئالما شىركىتىنىڭ ئەرزان باھا نۇسخىلىق iPhone يانفونى بولسا ئۇتتۇرا ۋە تۆۋەن سەۋىيىلىك بازارلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئالما iPhone 5 يانفونىنىڭ تەقدىرى بەلكىم ھازىرقى iPhone 4S يانفونىنىڭ ھالىتىگە ئوخشاپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن، ئالما شىركىتىنىڭ بازارغا سېلىنماقچى بولغان iPhone 5S يانفونى بولسا ئاساسلىقى يۇقىرى سەۋىيىلىك بازارلارغا يۈزلەندۈرۈلىدىكەن.
ئالما شىركىتىنىڭ iPhone 5S يانفونى ۋە ئەرزان باھا نۇسخىلىق يانفونىنىڭ قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا خىلمۇ خىل خەۋەرلەر تارقالغان بولۇپ، لېكىن مەبلەغ سېلىش شىركىتى كەيجى گۇرۇھى (KGI Securities ) نىڭ تەھلىلچىسى گو مىڭچى يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ ئەرزان باھا نۇسخىلىق iPhone يانفونى 9-ئاينىڭ باشلىرىدا رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن، iPhone 5S يانفونى بولسا ئىشلەپچىقىرىلىش مەسلىسى تۈپەيلى 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئاندىن ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.