ياخشى ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە بولغان تەسىرى
ئاياللارنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى ۋە بىلىم قۇرۇلمىسى ئائىلىنىڭ روناق تېپىشى ۋە ئائىلىۋىي بەخت يارىتىشتىكى مۇھىم تەرەپ. بولۇپمۇ بۇ خىلدىكى ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە بولغان تەسىرى تېخىمۇ مۇھىمدۇر
ياخشى ئايال ئەرنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغىيالايدۇ. ئەرلەرنىڭ قىزغىنلىقى ھەم قىممەتلىك، ھەم قورقۇنچلۇقتۇر. بۇ خىل قىزغىنلىق ئەرلەرنى تولۇپ- تاشقان كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن ئالغا باستۇرىدۇ، شۇنداقلا مەلۇم بىر ئىشنى ئەسەبىيلەرچە قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق چاغدا ئۇنىڭ يېنىدا ياخشى ئايال بولسا، ئۇ ئېرىنىڭ ئالدىراقسانلىق، قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈشتەك روھىي ھالىتىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ ھەمدە ئېرىدىكى قىزغىنلىقنى مۇلايىملىق، ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرالايدۇ.
ئەرلەرنىڭ قەلبى خۇددى بىر پارچە مۇنبەت تۇپراق. لېكىن، تۇپراق بەك مۇنبەت بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدا ياۋا ئوت-چۆپلەرمۇ تېز ئۆسىدۇ. ياخشى ئايال بىر ياخشى دېھقان. ئۇ جان-دىلى ۋە ھالال ئەمگىكى بىلەن ياۋا ئوت-چۆپلەرنى ئوتاپ، يۇمران مايسىلارنى سەۋرچانلىق بىلەن پەرۋىش قىلىپ، چېچەك ئاچقۇزۇپ مېۋە بەرگۈزىدۇ. ئەرلەر دۇنيانىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلسا، ياخشى ئايال دۇنيانىڭ قالغان يېرىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەرلەرنىڭ يېرىم دۇنياسىنى تولۇقلىغاندىلا، ئاندىن ھەسەن-ھۈسەنلەر چىقىپ، بۇ دۇنيا پارلاپ تۇرغان يۇرۇق دۇنياغا ئايلىنىدۇ. ياخشى ئايالنىڭ دۇنياسى پۈتۈن بولىدۇ، ئۇ ياردەمگە مۇھتاج ئەرلەرگە ياردەم بېرىدۇ، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك ئەرلەرنى ئۆزگەرتىدۇ.