خىزمەت مەشغۇلاتى بىلەن چارچاپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن بىر-قانچە قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت قاملاشماي قالسا ئۆزىدە جىنسىي ئىقتىدار چىكىنىپتۇ دەپ قاراش
خىزمەت ۋە ھەرخىل روھىي بېسىملار سەۋەبىدىن زىيادە چارچاش ياكى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەن زۇكام دېگەندەك ھاللاردىمۇ بەدەن ماغدۇرسىزلىنىپ جىنسىي تەلەپ تۆۋەنلەش، جىنسىي مۇناسىۋەت خوشياقماسلىق ئادەتتە نورمال ئەھۋال بولۇپ بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۆزىنى جىماغا زورلىغاندا ئەرلىك ئەزا چىڭ-يىتەرلىك قاتمايدىغان، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بىرىدۇ دە، ئۆزىدە بىرەر چاتاق چىققانلىقىدىن گۇمان قىلىپ ساراسىمىگە چۈشىدۇ. بۇنداق تاسادىپىي يۈز بىرىدىغان «مەغلۇبىيەت» لەرنىڭ ئاندا-ساندا كۆرۈلۈپ قىلىشى نورمال ئەھۋال بولۇپ بىرەر قېتىم قېنىپ ئۇخلاش ياكى ئارام ئېلىشقا ئەھمىيەت بىرىلسە ئۆزلىكىدىن ئەسلىگە كېلىدۇ.