تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
سىز زادى كىم؟

سىز زادى كىم؟

ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر پېشقەدەم پروفېسسورى تۇيۇقسىز كۆز ئاغرىقىغا گىرىپتار بولۇپ قاپتۇ، ئۇ باشقىلارغا كۆزۈم كۆرمەس بولۇپ قالدى، دەپ قويۇپتۇ. بۇ دەل بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان پەيتىكەن. ئۇلار بۇ سۆيۈملۈك ئۇستازىنى بەس-بەستە يوقلاپ كېلىشكە باشلاپتۇ، پروففېسور ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن ھەر بىر ئوقۇغۇچىدىن «سىز كىم؟ ماڭا ئۆزىڭىزنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكىڭىزنى، نەدىن كەلگەنلىكىڭىز، قايسى كەسىپ توقۇيدىغانلىقىڭىز، كىچىك چاغلىرىڭىزدىكى ئارزۇيىڭىزنى، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نەگە بېرىپ، نېمە ئىش قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ.. » دەپ سوراپتۇ. 

ساۋاقداشلار پېشقەدەم پروففېسسورنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان تۇرۇقلۇقمۇ ئۆزلىرىگە شۇنچىلا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىدىن ناھايىتى تەسىرلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ كونكرېت ئەھۋالى ۋە ئارزۇ تىلەكلىرىنى ئۇنىڭغا ئەينەن، تەپسىلىي ئېيتىپ بېرىپتۇ. پېشقەدەم پروففېسسور ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاچ، پات-پات «ھە ياخشى، ناھايىتى ياخشى، يەنە بىر دەڭە، ئۆزىڭىز ناھايىتى چۈشىنىدىكەنسىز، نىشانىڭىز ئايدىڭ ئىكەن، ئەمدى ئۇنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇڭ..» دېگەندەك گەپلەرنى قىستۇرۇپ قويۇپتۇ. 

ساۋاقداشلىرى بىلەن خوشلىشىدىغان چاغدا، ئۇ ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ قولىنى مەھكەم سىقىپ تۇرۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى مېھرىبانلىق بىلەن «مەن سىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىۋالدىم، بىراق ئۇزۇنغا سوزۇلغان كىشىلىك ھاياتىڭىزدا، ئۆزىڭىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالغۇچە بولماڭ» دەپ ئاتايىتەن ئەسكەرتىپ قويۇپتۇ. بەزى ساۋاقداشلار بۇنىڭدىن سەل غەلىتىلىك ھېس قىلىپ، باشقا ساۋاقداشلىرىغا «پېشقەدەم پروففېسسورنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ، تەپەككۇرىمۇ سەل غۇۋالىشىپ قالدىمۇ نېمە؟  ئەجەپ بىر قىسما تۇرىدىغۇ» دېيىشىپتۇ.

كىم بىلسۇن، ھېلىقى بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن ئايرىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن پېشقەدەم پروففېسسورنىڭ كۆزى «مۆجىزە يۈز بەرگەندەك» ساقىيىپ قاپتۇ، ئۇ ساۋاقداشلارنى ئۇزىتىش چېيىدا مۇنداق دەپتۇ: «كۆزۈم كۆرمەيدىغان بولۇپ قېلىپ، روھىم چۈشۈپ كەتكەندە ساۋاقداشنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئىلھام بېرىشى بىلەن يورۇق دۇنيانى قايتا كۆرەلەيدىغان بولدۇم، ئەينى چاغدا مېنى يوقلاپ، ماڭا ئىلھام بەرگەن ئوقۇغۇچىلارغا مەنمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ بىردىن سوۋغات تەييارلىدىم، ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ شۇ چاغدىكى سۆھبىتىمىز ئېلىنغان ئۈنئالغۇ لېنتىسى. بۇنىڭدىن كېيىنكى كىشىلىك ھايات مۇساپەڭلاردە ئۈمۈتسىزلەنگەن، قايمۇقۇپ قالغان ۋە نېمە قىلارىڭلارنى بىلەلمەي قالغان چاغلاردا مۇشۇ ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى ئاڭلاڭلار». 

ساۋاقداشلار شۇندىلا پېشقەدەم پروففېسسورنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چۈشىنىپتۇ. 

رېئال تۇرمۇشتا، نۇرغۇن كىشى ئۆمۈر بويى ئۆز ئۆزىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ، دىققەت قىلىپ باقمايدۇ، ھەتتا «مەن كىم؟ مەن نېمىش قىلىدىغان ئادەم؟»دېگەنلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ كېتەلمەيدۇ. «سىز زادى كىم؟» بۇ كىشىلىك ھاياتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سوئالدۇر. 

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز