تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
قاقاقلاپ كۈلۈش ئورۇندا تۇرۇپ ئاستا يۈگۈرگەنگە باراۋەر

قاقاقلاپ كۈلۈش ئورۇندا تۇرۇپ ئاستا يۈگۈرگەنگە باراۋەر

ئىتالىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: «قاقاقلاپ كۈلۈشنىڭ پايدىسى ئورۇندا تۇرۇپ ئاستا يۈگۈرگەننىڭ پايدىسىغا باراۋەر، شۇنداقلا بۇ ئىنتايىن ياخشى ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت. دېمىسىمۇ كۈلۈش بىر خىل ئالاھىدە ھەرىكەت، ئادەم كۈلگەندە قورساق مۇسكۇللىرى ئىختىيارسىز يىغىلىدۇ، نەپەس ۋە ئۆپكىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ، ئورۇندا تۇرۇپ ئاستا يۈگۈرگەندىمۇ مۇشۇنداق ئۈنۈم كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە بىر مىنۇت ئورۇندا تۇرۇپ يۈگۈرگەندە 13 كالورىيە ئىسسىقلىق خورايدۇ، ئېچىلىپ كۈلگەندىمۇ ئادەم بەدىنىدە شۇنچىلىك ئىسسىقلىق سەرپ بولىدۇ».

مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «ئادەم ئون مىنۇت قاقاقلاپ كۈلسە، ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 كالورىيە ئىسسىقلىق سەرپ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قاقاقلاپ كۈلۈش يەنە كۆكرەك مۇسكۇلىنى سوزىدۇ، كۆكرەك قەپىسىنى كېڭەيتىدۇ، ئۆپكىنىڭ سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ؛ قورساق مۇسكۇلىنىڭ تەكرار بوشىشى ۋە يىغىلىشى، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ ھەم ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى تېزلىتىپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ؛ قاقاقلاپ كۈلۈش يەنە بەدەنگە كىرىدىغان ئوكسىگېننى كۆپەيتىپ، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدۇ».

ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز