تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بىر ئەرنىڭ ئايالىغا يازغان رۇخسەت سوراش ئىلتىماسى


ھۆرمەتلىك رەپىقەم:

    ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ،تۆۋەنچىلىك بىلەن  سىزدىن شۇنى ئىلتىماس قىلىمەنكى،بۈگۈن كەچلىك تاماققا ئۆيگە قايتالمايدىغان بولدۇم،ئەسلىدە سىز بىلەن  ئائىلە سايمانلرى كۆرۈشكە  بارماقچى بولغان ئىدىم،ئامالسىز بۇ  ئىشنى كىيىگە سۈرۈشكە توغرا كەلدى.بۇ ئىش ئۈچۈن سىزگە بولغان ناماقۇللۇغۇمنى بىلدۈرىمەن، چوقۇم كەچ سائەت 10دا قايتىپ سىزگە بىر كۈنلۈك، ئىدىيىۋى ،خىزمەت ئەھۋالىمنى بىرمۇ-بىر دوكلات قىلىمەن.

   بۇ ئىش ئالدىن بەلگىلەنمىگەنلىگى ئۈچۈن،تەشكىلنىڭ 24سائەت بۇرۇن ئىلتىماس قىلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ قويدۇم ئالاھىدە ئەھۋالغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلارسىز.تېلىفۇن ياكى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق رۇخسەت سورىسام مېنىڭ سەمىمى كۆڭلۈمنى سىزگە مۇۋاپىق ئىزھار قىلالمىغىدەكمەن شۇڭا بۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

   مېنىڭ كۆڭلۈمدە سىزنىڭ ئورنىڭىز بەكمۇ يۇقۇرى،سىز تاماققا بەك ئۇستا، سىز بىلەن بىللە  تېلىۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈش مەن ئۈچۈن بەخت.مېنىڭ ھازىر شۇنداق ئۆيگە قايتىپ  تاماق يىگىم بار،شۇ  تاپتا كۆز ئالدىمدا سىز ئەتكەن ئوخشىغان تاماقلار ،مۇشۇنداق ئوخشىغان تاماقلارنى يىيەلمىگىنم ئۈچۈن بەكمۇ ئۆكۈنىۋاتىمەن .ئەگەر خۇدايم ماڭا قايتا تاللاش پۇرسىتى بەرسە ،ھازىرلا ئوقتەك بېرىپ،تۈنۈگۈن ئېشىپ قالغان پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قورۇمىسىنى ئېشىپ قالغان تاماقلارنى پاك-پاكىز يەۋىتەتتىم،چىنە-قاچىلارنى يۇيىۋېتەتتىم.ئەپسۇس،خۇدايىم ماڭا بۇ پۇرسەتنى بەرمەپتۇ.بۈگۈن  خەلقئارالىق  بايرامنى تەبرىكلەش ئۈچۈن،ئۆزەمنىڭ ئومۇملۇقنى كۆزدە تۇتۇش يامان ئادىتىمنىڭ تۈرتكىسىدە،خىزمەتداشلاردىن 9  ئەر  ،بىرمۇ ئايال يوق،شېركەت يېنىدىكى ئاشپۇزۇلدا تاماق يەيمىز. تاماقتىن كىيىن خوجايىن باشچىلىغىدىكى،ناخشا ئېيتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ قېلىشىمىز مۇمكىن،بۇ خوجايىن بىلەن بولغان چۈشۈنۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە،كىرىمىمنىڭ ئېشىپ سىزنىڭ چوڭ-چوڭ خەجلىشىڭىزگە پايدىلىق بولغانلىغى ئۈچۈن تەستىقلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

   سۆيۈملۈك رەپىقەم،مەن چوقۇم سىزنىڭ تەلىمىڭىز بويىچە،ھاراقنى ئاز ئىچىپ ،كۆكتاتنى كۆپ يەيمەن،بېرىشقا تېگىشلىك بولمىغان يەرلەرگە قەتئى بارمايمەن،سىز سىزىپ بەرگەن ئىنقىلاۋى چېگرىنى چىڭ ساقلايمەن.يۇيۇش-ئوۋۇلاشقا دائىر تۈرلەرنى رەت قىلىپلا قالماي،يەنە باشقا خىزمەتداشلارغىمۇ قاتناشماسلىق توغرىسدا تەربىيە قىلىپ ئىنقىلاۋى پاكلىقىمنى مەڭگۈ ساقلايمەن.ئەگەر سېپىل سوقىدىغان ئىش بولۇپ قالسا،خاتىرجەم بولۇڭ،مەن ھەرگىز قاتناشمايمەن،ماجاڭ ئوينىغاندا كارتا سېرىگىلى بولمايدىغانلىغىنى سىزمۇ بىلىسىز شۇڭا بۇ ئىشتىن خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ.

   سىزگە شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، كەچ سائەت 10دىن،0مىنۇت،15 سېكۇنت ئۆتكىچە چوقۇم ئۆيگە ئۈنۈپ بولىمەن.(تاماق ئۈستىلى يېنىدىكى سائەت ئۆلچەم قىلىنىدۇ)بۇنىڭغا ھەر ئايلىق 50سوملۇق تۇرمۇش پۇلۇم بىلەن كاپالەت بېرىمەن.يۇقۇرىقى ئەھۋاللار ئەمەلىيەت،تەكشۈرىشىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن.

     ئەرلەر سىرتقا چىقىپ كەتسە ئاياللار ھامان ھەرخىل ئەندىشىلەردىن خالى بولالمايدۇ،ئەرلىرىنىڭ ياخشى- يامان ئىشلارغا ئارىلىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.مۇشۇنداق ئىشلار تۈپەيلى ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتا ئىناقسىزلىقلار كېلىپ چىقىدۇ.ئەپەندىلەر سىلەرمۇ سىرتقا چىققاندا  مۇشۇنداق ئىلتىماس يېزىپ سىناپ باقامسىلەر،ئۇنداقتا ئاياللىرىڭلار سىلەردىن يۈزدە-يۈز خاتىرجەم بولغان بولاتتى. 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز