شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
ئالىي مەكتەپ نېمە ئىش قىلىدىغان ئورۇن؟ بۇ مەسىلىگە بەلكىم قەدىمكى دەۋردىكى «ئالىي مەكتەپ» ئۇقۇمى بويىچە جاۋاب بەرگەندە توغرا بولىدۇ. يەنى، ئالىي مەكتەپنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، بۇرچى بولسا ئەخلاقلىق، بىلىملىك، سەمىمىي، جەمئىيەتكە ماسلىشىشچان، ئاق كۆڭۈل ئادەم تەربىيەلەشتۇر.
ھازىر دەۋر ئوخشىمايدۇ، ھازىرقى ئالى مەكتەپلەر قانداق ئادەملەرنى تەربىيلەۋاتىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۆلچىمىدە ئالىي مەكتەپ ئوتتۇرىغا قويغان سەككىز تۈرگە ئەمەل قىلىنغانمۇ؟ 2014-يىلى ماي باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ مەسىلىنى تىلغا ئالغان. ئۇ ياش ئوقۇغۇچىلارغا جاپاغا چىداپ ئۆگىنىشى، ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەت يېتىلدۈرۈشى، ئاق قارىنى ئېنىق ئايرىپ، راستچىل بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما نىشان يەنىلا نىشان، ئەمەلىيەت يەنىلا ئەمەلىيەت.بۈگۈنكى كۈندىكى ئالىي مەكتەپلەر بۇ نىشانغا يېتەلدىمۇ؟ ئالدى بىلەن ئويلىغىنىم، ئالىي مەكتەپلەردىكى كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ كەلگەن «تەربىيە» سى ۋە مۇمكىن بولغان تەسىرى، ئەلۋەتتە تۇرمۇش تەربىيىسى دەرسخانىنىڭ تەربىيەسىدىن بىۋاسىتە بولىدۇ.
ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن، ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە. ئەسلىدە ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش چەمبىرىكى ئىچىگە تولۇق ئارىلىشىپ بولالمىغان بالىلار ئالىي مەكتەپتە ساۋاقداش بولىدۇ، لېكىن ساۋاقداشلىق بۇلار ئارىسىدىكى پەرقنى يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندىكى ئالىي مەكتەپنى جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئايرىلىپ چىققان ئەۋرىشكە دېيىشكە بولىدۇ.
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ھەر بىر ياتاق بىناسىنىڭ خەت چەك بۆلۈمىدە بىرلا تېلېفون بار ئىدى، تېلېفون بەرمەكچى بولساق ئۆچىرەتتە تۇراتتۇق. بۈگۈنكى كۈندە كۆپچىلىكنىڭ قولىدا بىردىن يانفون، بۇنداق شارائىتتا ياشلار زادى قايسى يولنى تاللايدۇ؟ كەمبەغەل ئائىلىنىڭ بالىلىرىمۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ، باشقا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوخشاش بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇنى ئەيىبلەشكىمۇ بولمايدۇ. يەنى، ئۇلار بارغانسېرى يۇقىرىغا يامىشىپ، پرامىدا شەكلىدىكى جەمئىيەت قۇرۇلمىسى بىلەن مۇقىم ئىلگىرىلەيدۇ.
پرو فېسسور چيەن لىچۈن مۇنداق دېگەن: بۈگۈنكى ئالى مەكتەپلەر مەخسۇس «نەپىس بولغان شەخسىي مەنپەئەتپەرەسلەر»نى ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ. بۇ سۆز جەمئىيەتتە مۇنازىرە قوزغىدى، ھەقىقىي «ئالىي مەكتەپ روھىي» ھامان بىر كۈنى ئويغىنىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئويغىنىدۇ، ئەنە شۇ ۋاقىتقا ھەقىقىي ئالى مەكتەپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
«نادىر فېليەتونلاردىن تاللانما» دىن ئېلىندى.