جۇڭيى دورىلىرى ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بەزى كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا مۇۋاپىق. بىراق ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئۇستىخاننى ياخشىلاش، قاننى تازىلاش، روھىي كەيپىياتنى كۆتۈرۈش قاتارلىق تەركىبلىرى بار جۇڭيى دورىلىرىنى قەتئىي چەكلەش كېرەك. چۈنكى بۇ خىل دورىلار ھامىلىنىڭ غەيرىيلىكىنى، بويىدىن ئاجراش، ئاي–كۈنى توشماي تۇرۇپ تۇغۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاساسلىقى، دورىلاردىن ئىپار، ئالا قوڭغۇز، فىتولاككا، ھەبىبۇلھۇلۈك ئۇرۇقى، ھەشقىپىچەك، سۈتلۈكئوت، يېنىدەك يىلتىزى، باربا قاتارلىقلار ئېھتىيات قىلىدىغان دورىلار، يەنى روھنى كۆتۈرۈش قاتارلىق دورىلار مەسلەن، شاپتۇل مېغىزى، قىزىل گۈل، رەۋەن، سترۇس قېقى، ئاقچەشكە، دارچىن، تىزغا قاتارلىقلار. روھىي جەھەتتىكى غىدىقلىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھامىلدار ئاياللار يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش ئېلىپ بارماسلىق كېرەك. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۈتۈنىدىغان دورىلارنى ئوڭايلىقچە ئىشلەتمەسلىك، چۈنكى ھامىلدار بولغاندىن كېيىن، مۇئەننەس قانلار ھامىلىگە يىغىلىپ، ھامىلدار ئاياللارنىڭ بەدىنىدە ‹‹ مۇئەننەس قان بوش(تۆۋەن)، مۇزەككەر يۇقىرى ›› دەيدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. شۇڭا خەلق ئارىسىدا ‹‹تۇغۇتتىن بۇرۇن سالقىن بولۇش›› دېگەن سۆز تارقالغان. مەسلەن، ئادەمگىياھ گەرچە ئوزۇقلۇق تولۇقلىمىسىمۇ، بىراق ھامىلدار بولغاندىن كېيىن ئىشلىتىلسە ياكى ئارتۇق ئىشلەتسە، مۇزەككەر قانچە قويۇق بولسا ، مۇئەننەس شۇنچە بوش بولۇپلا قالماستىن، ھامىلە ۋە ھامىلدار ئايالغىمۇ پايدىسىز ھەم ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ياندۇرۇشىنى، قان بېسىم يۇقىرى بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بويىدىن ئاجراپ كېتىشمۇ مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا مەسلەن، بۇغىنىڭ مۈڭگۈزى، بۇغا ھەمرىيى، بۇغا مۈڭگۈزى يىلىمى قاتارلىق ئىسسىق كېلىدىغان دورىلارنى ھامىلدارلار ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.
مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/12/content_487283.htm