تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بالىلار مېۋە–چېۋىنى نورمال يەپ بېرىشى كېرەك

  مېۋە يېيىشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىت، ئىككى ۋاخ تاماقنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ، بالىلارغا چۈشلۈك ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا بىرەر تال ئالما ياكى ماندارىن بېرىش كېرەك.

    بەدەن تىپىگە ماس كېلىش. ئىسسىقچان، ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدىغان بالىلارغا ئەڭ ياخشىسى تەبئىيىتى سوغۇق مېۋىلەردىن نەشپۈت، تاۋۇز، بانان، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىقلارنى بېرىش كېرەك. ۋىتامىن A، ۋىتامىن C غا ئېھتىياجلىق بالىلارغا كۆپرەك ئۆرۈك، قوغۇن، ئاپلېسىن بېرىش كېرەك. زۇكام بولۇپ يۆتىلىپ قالغاندا، نەشپۈتنى ناۋات بىلەن قوشۇپ، دۈملەپ پىشۇرۇپ سۈيىنى ئىچكۈزۈش كېرەك، ئەمما ئىچى سۈرۈپ قالغاندا، نەشپۈت بېرىشكە بولمايدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بالىلارغا مېۋىنى جىق بەرمەسلىك ياكى شېكەر مىقدارى تۆۋەن مېۋىلەرنى تاللاپ بېرىش كېرەك.

    بىر قېتىمدا جىق يىگۈزمەسلىك. مېۋە تەركىبىدە شېكەر كۆپ بولغاچقا، جىق ئىستېمال قىلىۋەتسە ئىشتىھا تۇتۇلۇپ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىدۇ . شۇڭا ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىدىغان مېۋىنىڭ تۈرى ئۈچ خىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

    تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش. مېۋىلەرنى يېيىشتىن بۇرۇن پاكىز يۇيۇۋېتىپ سۇدا 30 مىنۇت تۇرغۇزۇش ياكى ئازراق تۇز سېلىنغان سۇدا 20 مىنۇت تۇرغۇزۇپ، ئاندىن يۇيۇۋېتىپ بېرىش، ئاقلاپ يەيدىغان مېۋىلەرنى پاكىز ئاقلاپ بېرىش كېرەك.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-02/07/content_496411.htm 



ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز