تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
روزىمۇھەممەد ياقۇپ: بالىلىق تەبەسسۇملىرى


  بالىلىق تەبەسسۇملىرى



روزىمۇھەممەد ياقۇپ

 

 

 

چۆچەكلىرى يۇۋاش مومامنىڭ

 

چۆچەكلىرى يۇۋاش مومامنىڭ،

قورقىتالماس مېنى ھېچقاچان.

چۆچەكتىكى سىرلىق مەخلۇقتەك،

بولالمايدۇ مومام قەھرىمان.

 

چۆچىكىدە جىن ۋە دىۋە يوق،

چىشلىمەيدۇ ھەتتا كۈچۈكى.

ئالۋاستىسى ئەمەس كۆرۈمسىز،

قاراقچىنىڭ يوقتۇر پىچىقى.

 

تاش ئۆڭكۈردىن چىقمايدۇ ئېيىق،

يەپ كەتمەيدۇ ئادەمنى بېلىق.

بولۇۋېلىپ مالنى قاراقچى،

سۇغا چۆكۈپ كەتمەيدۇ قېيىق.

 

ئاچال يولدا قالمايدۇ ئېزىپ،

ئالداپ كەتمەس جادۇگەر موماي.

يالماۋۇزنىڭ بېشى كېسىلمەس،

مەلىكىگە ئايلانمايدۇ ئاي.

 

پەيلى يامان ئەمەس لاچىننىڭ،

كۆزلىرىمنى كەتمەس چوقىلاپ.

مېنى پايلاپ يۈرسىمۇ چايان،

قانلىرىمنى ئالالماس شوراپ.

 

چۈشۈپ كەتسە چوڭقۇر قۇدۇققا،

قۇرت، قوڭغۇزى كەتمەيدۇ چېقىپ.

يۇتۇپ كەتسە ناۋادا دەريا،

بىر بېشىدىن چىقىمەن ئېقىپ.

 

نىقابى يوق ياۋۇز ئوغرىنىڭ،

تۇتۇۋېلىپ قويمايدۇ باغلاپ.

ئارقىسىدىن ئەگەر قوغلىسا،

قاچالمايدۇ تاملاردىن ئاتلاپ.

 

خىسلىتى يوق يالغۇز دەرەخنىڭ،

كېتەلمەيدۇ جىنغا ئۆزگىرىپ.

تەۋرەپ كەتسە تۇيۇقسىز تاغلار،

باشلىرىمغا چۈشمەس ئۆرۈلۈپ.

 

كوھىقاپتىن كەلمەيدۇ بوران،

ئاڭلانمايدۇ غەلىتە ئاۋاز.

قانات چىقىپ قورام تاشلارغا،

كۆك قەھرىدە قىلمايدۇ پەرۋاز.

 

يەپ قويسىمۇ سىرلىق ئالمىنى،

بۇرنى ھەرگىز كەتمەس ئۇزىراپ.

ئالۋاستىغا ئايلانماس كېچە،

كۈچۈكلىرى يۈرمەس چىرقىراپ.

 

پادىشاھنىڭ يوقتۇر جاللىتى،

ئۇۋال قىلىپ چېپىلمايدۇ باش.

ئۆگەي ئانا ئەمەس رەھىمسىز،

يېتىم قىزغا  يېرىلمايدۇ تاش.

 

مەلىكىلەر ئەمەس ھاكاۋۇر،

شاھزادىنىڭ تۆكۈلمەس قېنى.

يېقىلمايدۇ ئادەم گۆشىدە،

سامسىپەزنىڭ گۆشگىردە نېنى.

 

قوغلىۋەتتى مومام چۆچەكتىن،

بەت-بەشىرە مەخلۇقنى تامام.

ئەمدى ئاشۇ سىرلىق دېۋىلەر،

ئۆيلىرىدە ئالامدۇ ئارام؟

 

چۆچەكلىرى يۇۋاش مومامنىڭ،

قورقىتالماس مېنى ھېچقاچان.

يالماۋۇزغا قارشى جەڭ قىلىپ،

بولدۇم مەنمۇ بالا قەھرىمان.

 

يۇلتۇزلارنى ئېنىق سانايلى

 

مومام ئەشكەن ئاپئاق شوينىدەك،

تۇرار كۈندىن يىپلار ساڭگىلاپ.

كېلىڭ دوستلار ئۇچۇپ ئوينايلى،

بىز ئۇنىڭدىن ئىلەڭگۈچ ياساپ.

 

ئۇچۇپ-ئۇچۇپ گوياكى قۇشتەك،

كۆك قەھرىگە بېرىپ قونايلى.

مۇئەللەقتە تۇرۇپ ئاي، كۈندەك،

يۇلتۇزلارنى ئېنىق سانايلى.

 

يۇلتۇزلارنىڭ كۆزى بارمىكىن،

بىزگە ئوخشاش يۈزى بارمىكىن؟

ئەھۋالىنى بىلىپ باقايلى،

ئېيتىدىغان سۆزى بارمىكىن؟

 

كۆك ئاسماندا ئۆيى بارمىكىن،

ئاپىسى ھەم تولۇنئايمىكىن؟

قۇياشمىكىن ئۇنىڭ دادىسى،

ئۇنىڭ يۇرتى گۈزەل جايمىكىن؟

 

ئوينامدىكىن بىز بىلەن بىللە،

قويامدىكىن ئۇنىڭ ئاپىسى؟

تۇغقانلىرى كۆپمىكىن شۇنچە،

ئوبدانمىكىن سىڭىل، ئاكىسى؟

 

بولامدىكىن بىز بىلەن ئاداش،

كۆرۈشكەندە بۇنى سورايلى.

باشلاپ كېلىپ ئۇنى زېمىنغا،

ئايرىلماسقا يېقىن بولايلى.

 

 

      بۇلۇت قىزچاق

 

ئاسماندىكى بىر پارچە بۇلۇت،

چېچىۋەتتى يەرگە قەترىنى.

ئەسكە سالدى تامچىغان يامغۇر،

ئاپام پۈركۈپ قويغان ئەترىنى.

 

لەيلەپ يۈرگەن  ئاشۇ بۇلۇتنىڭ،

بارمىكىن تاڭ ئەترە قۇتىسى؟

يۈزلىرىگە سۈرگىلى يەنە،

بارمىكىن ھەم ئەڭلىك، ئۇپىسى؟

 

بىر قارىسام مەڭزى قىپ-قىزىل،

بىر قارىسام ئاپئاقتۇر يۈزى.

بىر قارىسام چېچى قاپقارا،

بىر قارىسام  چاقنايدۇ كۆزى.

 

يەلپۈنىدۇ مەيىن شامالدا،

كىيىۋالغان ئاپئاق كۆڭلىكى.

يۇرتۇمدىكى بىپايان كۆللەر،

ئۇنىڭمىكىن كۆرەر ئەينىكى.

 

ئاسماندىكى بىر پارچە بۇلۇت،

بۇلۇت ئەمەس گۈزەل قىزمىكىن؟

تۇرار ئىكەن رەڭدار ياسىنىپ،

ياكى يالغۇز ئۇچقان توزمىكىن؟

 

ئاسماندىكى بۇلۇت قىز بولسا،

يازايمىكىن ئاڭا سالام خەت.

مېنى كۆرسە ئاشۇ ئوماق قىز،

چىرايىمنى دەپ كېتەرمۇ سەت؟

 

يۇلتۇزمىكىن ئاينىڭ چۆجىسى

 

يۇلتۇزلارنى سېلىپ كەينىگە،

كېزىپ يۈرەر كۆكتە تولۇنئاي.

يۇلتۇزمىكىن ئاينىڭ چۆجىسى،

دانلايدىكەن ئارام ئالالماي؟

 

يۇلتۇز بولسا ئاينىڭ چۆجىسى ،

بېرەيمىكىن ئاڭا دان چېچىپ؟

ئېچىپ كەتسە ئۇنىڭ قورسىقى،

يىراقلارغا كەتمىسۇن قېچىپ.

 

كېچەمىكىن ئاينىڭ ئۇۋىسى،

سەھەر تۇرسام كېتىپتۇ قېچىپ؟

ئىزدەپ باقاي ئانا زېمىندىن،

كەلگەنمىكىن قورسىقى ئېچىپ؟

 

ئابدۇنەبىينىڭ شېرىن چۈشلىرى

 

ئابدۇنەبىينىڭ تېتىك چۈشلىرى،

باشلاپ كېتەر ئۇنى يىراققا.

ئانا كەبىي ئۇلۇغ تەبىئەت،

چۆمدۈرىدۇ سۈزۈك بۇلاققا.

 

ئايلىنىپ ئۇ لەرزان شامالغا،

تاغ ئۈستىگە چىقىدۇ ئۇچۇپ.

قانات قېقىپ كەڭرى دالىدا،

دەل-دەرەخنى سۆيىدۇ قۇچۇپ.

 

بولۇپ قالار گاھى كېپىنەك،

گۈل ئارىلاپ يۈرەر باغلاردا.

بېلىجانغا ئۆزگىرىپ گاھى،

ئۈزۈپ يۈرەر دېڭىز، دەريادا.

 

بولۇپ قالار قۇشنىڭ بالىسى،

سايراپ كېتەر يەنە ۋىچىرلاپ.

كېزەر گۈزەل شەھەر، سەھرانى،

ھاۋاجازدەك ئۇچۇپ غۇيۇلداپ.

 

ئوخشاپ  قالار يەنە تايچاققا،

چېپىپ بارار يېشىل يايلاققا.

سەكرەپ-سەكرەپ تىنماي ئەركىلەپ،

چۆكۈپ كېتەر يۇمران ئوتلاققا.

 

ئابدۇنەبىينىڭ  ئوماق چۈشلىرى،

ئۇنىڭ بىلەن ئوينار مۆكۈشمەك.

ئۇ قوغلىسا چۈشنىڭ كەينىدىن،

چۈشمۈ قوغلار بولۇپ كۈلگۈنچەك.

 

كۆككە ئۆرلەپ خۇددى لاچىندەك،

يۇلتۇزلارغا كېتەر قوشۇلۇپ.

باشلاپ كېلەر زېمىنگە باھار،

ھارارەتلىك كۆمۈش نۇر بولۇپ.

 

ئابدۇنەبىي قۇياشقا مىنىپ،

بېرىپ  قالار كەڭرى سەھراغا.

كۈتۈۋېلىپ ئامراق  مومىسى ،

تېڭىپ كېتەر مەھكەم باغرىغا.

 

ئابدۇنەبىي شامالمۇ، قۇشمۇ ،

سەزگۈلىرى قالار ئېلىشىپ.

ئۇنىڭ ئۇچقۇر چېچەن خىيالى،

ئاي، كۈن بىلەن يۈرەر چېلىشىپ.

 

ئابدۇنەبىينىڭ سىرلىق چۈشلىرى،

شۇنچە گۈزەل، شېرىن ۋە تاتلىق.

بەخش ئېتەر سەبىي قەلبىگە،

ئارزۇ-ئىستەك، ئالەمچە شادلىق.

 

ئابدۇنەبىينىڭ سېخىي چۈشلىرى،

ئىگە قىلۇر كۈچ ۋە دەرمانغا.

چۈشى بەرگەن گۈزەل تۇيغۇلار،

يەتكۈزىدۇ ئۇنى ئارمانغا.

 

ئابدۇنەبىينىڭ شېرىن چۈشلىرى،

ئابدۇنەبىينىڭ سېخىي چۈشلىرى...

 

ئاسلانچىقىم قىلىدۇ چاخچاق

 

بېقىۋالدىم بىر جۈپ ئاسلانچاق،

قىلىقلىرى شۇنچىلىك ئوماق.

چىقىۋېلىپ دائىم مۆرەمگە،

قىلىپ تۇرار ماڭىلا چاخچاق.

 

بىلىكىمنى چىشلەپ تارتىدۇ،

تۇتماق بولسام بەدەر قاچىدۇ.

مېنىڭ بىلەن ئويناپ مۆكۈشمەك،

زېرىككەندە كۆڭۈل ئاچىدۇ.

 

چېلىشماقچى بولار مەن بىلەن،

ئېلىشماقچى بولار مەن بىلەن.

تېرىكتۈرۈپ گاھى-گاھىدا،

قېرىشماقچى بولار مەن بىلەن.

 

موللاقچىدەك موللاق ئاتىدۇ،

قۇيرۇقىنى چىشلەپ تارتىدۇ.

تىنىم تاپماي يۈگرەپ چارچىسىا،

قۇچىقىمغا چىقىپ ياتىدۇ.

 

ئاسلانچىقىم ئوماقتۇر-ئوماق،

يېگۈزۈمەن ئاڭا بۇلىماق.

توڭۇپ كەتسە يۇمران تەنلىرى،

كىيگۈزىمەن بېشىغا تۇماق.

 

ئاسلانچىقىم ئەگەر چوڭ بولسا،

مەكتىپىمگە  ئېلىپ بارىمەن.

بىر پارتىدا بىللە ئولتۇرۇپ ،

مۇئەللىمدىن تەلىم ئالىمەن.

 

ئانا قۇچقاچ ئىكەن قەھرىمان

 

بالىسىنى تۇتسام قۇچقاچنىڭ،

ئانا قۇچقاچ ئۇردى شاپىلاق.

«توۋا» دېدىم كىچىك جانۋارمۇ،

بالىسىغا ئىكەنغۇ ئامراق؟

 

جاۋىلدايدۇ تىنماي بېشىمدا،

ئۇقالمىدىم ئەمما تىلىنى.

بەلكى يەنە تىللاۋاتقاندۇ،

قاراقچىغا ئوخشىتىپ مېنى.

 

قويۇۋەتتىم بالا قۇچقاچنى،

ئانا-بالا قانماي كۆرۈشتى.

بىلىپ تۇردۇم يۈرەك سىرىنى،

خۇشاللىقتىن بەلكى كۈلۈشتى.

 

ئۇچۇپ كەتتى ئۇلار «كۇر»رىدە،

قاراپ قالدىم ئاڭا ھەيرانە.

يۇدۇۋاپتۇ «ئانا»«ئوغلى»نى،

ھەرىكەتلىرى شۇنچە مەردانە.

 

ئويلاپ قالدىم مەنمۇ ئاپامنى،

ئانا دېگەن ئۇلۇغ مېھرىبان.

ئەمدى ھەرگىز قۇچقاچ تۇتمايمەن،

ئانا قۇچقاچ ئىكەن قەھرىمان.

 

بالىلىقكەن ئەجەپ چالىلىق

 

بەڭباش ئىكەن ئەجەپ بالىلىق،

بالىلىقكەن ئەجەپ چالىلىق.

قىلغان ئىدىم شۇنچە بەدقىلىق،

شۇ كەچمىشىم ئېسىمدە ئېنىق.

 

تەتۈر كىيىپ يۇڭلۇق جۇۋىنى،

ئېسىپ ئاڭا كىچىك قوڭغۇراق.

دوراپ گويا ئادەم ئېيىقنى،

مۆكۈنەتتىم ئېرىققا ئۇزاق.

 

كېلىپ قالسا بىرەر يولۇچى،

ھۆكىرىگەنچە چىقاتتىم يولغا.

قورقۇپ مەندەك يۇڭلۇق مەخلۇقتىن،

ئارقىسغا چۈشەتتى ئوڭدا.

 

قېچىپ يىراق بەرمەيتتىم تۇتۇق،

قورقۇتقىنىم بولاتتى ئۇتۇق.

بۇ قىلغىنىم توغرا-خاتامۇ،

مەنىسىنى بىلمەيتتىم تولۇق.

قىزىق ئىكەن ئەجەپ بالىلىق،

قىلاتتىمكەن شۇنچە بەدقىلىق.

ھەرىكەتلىرىم ئوماق ۋە نادان،

بالىلىقتا باركەن چالىلىق.

 

شاماللارنىڭ بارمۇ قانىتى

 

گۈلنى يەلپۈپ ئۆتكەن شامالنىڭ،

بارمىكىن تاڭ بىر جۈپ قانىتى؟

قانىتىغا چىقىپ ئولتۇرسام،

ئاپىرارمۇ سەيلىگە مېنى؟

 

يىراقلارغا ئۇچقان شۇ شامال،

چىقامدىكىن ئېگىز تاغلارغا؟

زېرىككەندە تاغلاردا تۇرۇپ،

قايتامدىكىن گۈزەل باغلارغا؟

 

مەخمەل كەبىي يېشىل يايلاقنىڭ،

ئۆتەمدىكىن ئۈستىدىن ئۇچۇپ.

دەريالارغا چۈشكەن بۇلۇتنى،

كۆرۈپ باقسام بولارمۇ تۇتۇپ.

 

ئۆتكەن چاغدا كېزىپ چۆللەردىن،

قالارمىزمۇ دۆڭلەردەك ئۇسساپ؟

چاڭقاپ كەتكەن ئاشۇ توغراققا،

بېرەيمىكىن سۈيۈمنى تاشلاپ.

 

بارغان چاغدا ئۇپۇققا يېقىن،

ئۆتەيمىكىن قۇياشنى يوقلاپ.

يولىمىزدا ئاي بىلەن يۇلتۇز،

تۇرامدىكىن بىزلەرنى ساقلاپ.

 

ئۈزۈۋېلىپ ئاشۇ يۇلتۇزنى،

ياسايمىكىن كۈمۈش قوڭغۇراق.

قوڭغۇراقنى چېلىپ كېچىدە ،

قىلايمىكىن دۇنيانى ئويغاق.

 

گۈلنى سۆيۈپ ئۆتكەن شوخ شامان،

مېنى بىللە ئېلىپ كەتسەڭچۇ.

كەڭ دۇنيانى ئايلىنىپ لەرزان،

دىللىرىمنى خۇشال ئەتسەڭچۇ.

 

بولاي مەنمۇ ئۆسمۈر بوۋىچاق

 

ئۆز دادامنىڭ ساقىلى ئىكەن قاپقارا،

لېكىن نېچۈن بوۋامنىڭ ساقىلى ئاپئاق؟

ياكى بولاي دېدىمۇ دائىم  قار بوۋاي،

ساقىلىغا سۈرۈپتۇ ئاپئاق سىر بوياق؟

 

سەۋەبىنى سورىسام دەيدۇ ئۇ بوۋام:

«قېرىغاندا بولىسەن سەنمۇ مۇشۇنداق».

ياشانغاندا ئاق بولار نېمىشكە ساقال،

يەنە سوراپ باقايمۇ بوۋامدىن سوراق:

 

ـ بوۋا-بوۋا، ئېيتىپ بەر قېنى سىرىڭنى،

ئاق بوياققا بوۋىلار نېچۈن بەك ئامراق.

بويىمىسا بولمامدۇ ساقال دېگەننى،

بوۋىلارنىڭ بېشىدا بارمۇ يا چاتاق؟

 

چاتاق بولسا بېشىدا بوۋاي دېگەننىڭ،

سەن نېمىشكە شۇنچىلىك سۆيۈملۈك، ئوماق؟

مەن سېنىڭدەك بولۇشنى دائىم ئويلايمەن،

شۇڭا، توقسان يېشىڭدىن سانايمەن ساناق.

 

ئەگەر بولسا بوۋىلار سۆيۈملۈك، ئۇلۇغ،

بولاي مەنمۇ بالدۇرلا ئۆسمۈر بوۋىچاق.

لېكىن، مەندە ساقال يوق بوۋا سېنىڭدەك،

ئۇ مېنىڭدە بولمىسا قىلىمەن قانداق؟

 

بالىلاردا نېمىشكە بولمايدۇ ساقال،

ساقال دېگەن چىققىلى كېتەمدۇ ئۇزاق؟

ئەگەر كەتسە ئۇنىڭغا ۋاقىت بەك ئۇزۇن،

ئۇنىڭغىچە تاقەت يوق مېنىڭدە بىراق.

 

ساقىلىڭنى ئەي بوۋا بېرىپ تۇرامسەن؟

مەنمۇ سەندەك ئۇنىڭغا سېپ تۇراي تاغاق.

ساقىلىڭنى ھەر كۈنى شۇڭا سىلايمەن،

ھاسا قىلىپ سېنىڭدەك ئوينايمەن تاياق.

 

ئۈلگە قىلاي سېنىڭكى ھەر بىر ئىشىڭنى،

بار قەلبىمدە ساڭىلا ھۆرمەت، ئىشتىياق.

رەنجىمەيمەن ھەرگىزمۇ بەرمىسەڭ ساقال،

ئۆمۈر بويى قەلبىمگە چاچقىن خۇشپۇراق.

  


مەنبە:  «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 1-سانى

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز