تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
پەرھات روزىمۇھەممەد: خاسىيەتلىك قەلەم (نەسىر)

خاسىيەتلىك قەلەم


(نەسىر)



پەرھات روزىمۇھەممەد


       قەلەمنىڭ خەت يېزىش قورالى ئىكەنلىكىنى ھەممە بىلىدۇ.  ئۇ  ئەرزان، ئاددىي، ئەمما  تۆھپىسى ئىنتايىن زور.  بۈگۈنكى كۈندە قەلەمنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ كەتتى.  پولات ئۇچ قەلەم (گاڭبى قەلەم)، موي قەلەم، قېرىنداش قەلەم، مايلىق قەلەم، يەنە ئىسمىنى بىلىپ بولالمىغان باشقا قەلەملەرمۇ بار.  بۇ يەردە مېنىڭ تەسۋىرلەيدىغىنىم پولات ئۇچ قەلەم (گاڭبى) دىن ئىبارەت.  ئۇ ئىچكى ۋە تاشقى قىسىمدىن تەركىب  تاپىدۇ.  تېشى قاتتىق سۇلياۋدىن ياسالغان بولۇپ، قەلەم نوكىچى ياكى قەلەم قېپى دەپ ئاتىلىدۇ.  ئىچكى قىسمى پولات ئۇچ ۋە رېزىنكىدىن تەركىب تاپىدۇ.  ئۇچ قىسمى بولسا يېزىشتا، رېزىنكە قىسمى بولسا رەڭ ساقلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.  قەلەم نوكىچى قەلەمنىڭ ئىچكى قىسمىنى قوغداش، يەنى رەڭ چىقىپ كەتمەسلىك، ئۇچقا توپا كىرىپ بۇزۇلۇپ كېتىش قاتارلىقلاردىن ساقلايدۇ.  قەلەمنىڭ ئۇزۇنلۇقى 18 سانتىمېتىر، ئايلانمىسى بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.  گەرچە قەلەم ئاددىي نەرسە بولسىمۇ ، بىراق مەن تەسۋىرلىگەن قەلەم ئالاھىدە قەلەم، نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ئىشلار  يوشۇرۇنغان قەلەم، مەن ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بولغان قەلەمدىن ئىبارەت .

      ئۇ قەلەمنى ماڭا دوستۇم سوۋغا قىلغان .  نەچچە يىللاردىن بۇيان مەن ئۇنى يېنىمدىن ئايرىماي ساقلاپ كەلدىم.  دوستۇم بىر قانچە يىللار ئىلگىرى ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئوقۇشقا كەتكەنىدى.  مەن ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى يېقىن ئىدىم.  ئىككىمىز بىر مەھەللىلىك بولغاچقا، بىر-بىرىمىزگە ھاجىتىمىز كۆپ چۈشەتتى.  ھەر ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم بېرەتتۇق.  ئۇ چاغلاردا مېنىڭ بوۋام تېخى ھايات بولۇپ، يېزىغا دائىم ئۇنى يوقلاپ باراتتىم.  ئۇنىڭ يېشى 80 نەچچىگە بارماي تۇرۇپ، كېسەل سەۋەبىدىن ئۇرۇقلاپ، بىر تېرە- بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغانىدى.  دوستۇمغا كۆپىنچە بوۋام توغرىلىق  سۆزلەپ بېرەتتىم .  دوستۇم ئۆزى ئىنتايىن ياخشى، كىشىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان، دوستلۇققا  يارايدىغان، باشقىلار بىلەن ئاسان چىقىشىپ قالىدىغان ھەقىقىي بىر ئوغۇل بالا ئىدى.  ئۇ مەن بىلەن بوۋامنى كۆپ قېتىم بىللە يوقلاپ بارغان، ياخشى گەپلەر بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرگەنىدى.  مەن ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلغاندا، ئۇ ماڭا ھەرگىزمۇ «ياق!» دېمەيتتى.  ئىككىمىز ناھايىتى ئېجىل – ئىناق ئۆتەتتۇق، ئەسلا سېنىڭ، مېنىڭ دېمەيتتۇق.  بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز بىر تۇغقانلارنىڭكىدىن چارە ئىدى. 

      ۋاقىت شۇنداق تېز ئۆتىدىكەن.  دوستۇم تولۇقسىزنى پۈتكۈزۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئوقۇشقا ماڭىدىغان بولدى. مەن ئۇنى ئۇزاتقىلى بېكەتكە باردىم.  ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە پەقەتلا قىيالمىدۇق. ئوغۇل بالىنىڭ كۆزىدىن ئاسانلىقچە ياش چىقمايدۇ، ئەمما مېنىڭ كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى. ئۇ مېنىڭ جان-جىگەر دوستۇم تۇرسا قانداقمۇ چىدىيالايمەن. ئۇمۇ كۆز يېشى قىلدى.  دوستۇم خاتىرە بولسۇن دەپ، ماڭا يېڭىدىن سېتىۋالغان گاڭبى قەلىمىنى بەردى.  شۇنىڭدىن تارتىپ، بۇ قەلەم مېنىڭ يېنىمدىن ئايرىلماي كەلدى. دوستۇم كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ سۆيۈملۈك ئادىمىم ـــ بوۋام بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى.  مەن شۇ ۋاقىتتا دوستۇمنىڭ يېنىمدا بولۇشىنى شۇنداق ئارزۇ قىلغانىدىم. دوستۇم يېنىمدا بولغان بولسا، ئۇنىڭغا شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىمنى ئىپادىلەپ بەرگەن، دەردلىرىمنى قويماي ئىزھار قىلغان بولاتتىم. شۇ ۋاقىتتا دوستۇمنىڭ بىر ئېغىز تەسەللىسى بولغان بولسىمۇ، بۇنچە جازالانمايتتى. مەن يەنە ھېلىقى قەلەمنى قولۇمغا ئالدىم-دە، دوستۇمنىڭ سىماسىنى كۆردۈم. ئۇ ماڭا: «بۇنچە قايغۇرۇپ كەتمە، ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلۈۋالغىلى بولمايدۇ، ھاياتلىقتا ئۆلۈم ھەممە كىشىگە بار، بىز ھايات ياشىغانلار، ئۆلۈمدىن ئىبرەت ئېلىپ، ھاياتىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك»دەۋاتاتتى. بۇ قەلەم ماڭا تەسەللىي بەردى. مەن بۇ قەلەمنىڭ ياردىمى بىلەن بارا- بارا ئازابىمنى يەڭگىللەتتىم. دوستۇمنى ئەسلەپ تۇردۇم. بۇ ئىشلار ئۆتۈپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، دوستۇم ماڭا خەت يېزىپتۇ، ئۇ خېتىدە مېنى ئىنتايىن سېغىنغانلىقىنى، يەنە بىر، ئىككى يىلدىن كېيىن قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى يېزىپتۇ.  مەن دوستۇم بەرگەن قەلەمنى قولۇمغا ئالدىم ھەمدە قەلەمنىڭ خاسىيىتى بىلەن يۈرەك سۆزلىرىمنى، سېغىنىشىمنى ئىپادىلىدىم. بۇ قەلەمنى مېنىڭ ئامراق دوستۇم بەرگەچكىمىكىن، كۆزۈمگە بەكمۇ چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. بۇ قەلەم  ماڭا ھەر كۈنى ھەمراھ بولۇپ كەلدى.  مەن مەيلى خۇشال بولاي ياكى قايغۇراي بۇ قەلەم ماڭا يار-يۆلەك بولدى. مەن بۇ قەلەم بولغاچقىلا ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ كەلدىم، ئۇنى قولۇمغا ئالساملا ئۇ تىلغا كىرىپ سۆزلەيدىغانغاندەك ، ماڭا «سەنمۇ تىرىش، ياخشى ئوقۇساڭ سەنمۇ ئالىي مەكتەپكە بارالايسەن» دەپ ، رىغبەتلەندۈرۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. مەنمۇ ئۇنىڭغا سۆزلەيمەن: «خاتىرجەم بول، سېنى ياخشى قورال قىلىپ، ياخشى ئۆگىنىپ، دوستۇمدەك ياراملىق ئادەم  بولۇشقا تىرىشىمەن، دوستۇم ئورنىدا سەن ماڭا گۇۋاھ بول» دەيمەن ئىچىمدە.  ئۇ بولغاچقىلا مەن ھەر دەقىقىدە خۇشال يۈرىمەن، ئۈمىدكە تولىمەن. 

      دوستۇم بەرگەن بۇ قەلەم دوستلۇقىمىزنىڭ سىمۋولى، شۇنداقلا ئىرادە، ئىستىىقبالنىڭ سىمۋولى.  مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارنىڭ بىردىن-بىر گۇۋاھچىسى، مېنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمى. بۇ قەلەم مېنىڭ يىراق جايدىكى دوستۇمدىن قالسا، ئەڭ يېقىن دوستۇم ھېسابلىنىدۇ. بۇ قەلەم مېنىڭ نۇرغۇن ئارزۇلىرىمنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇردى. بۇ قەلەم بولغاچقىلا مەرھۇم بوۋام، ئىچكىرى ئۆلكىدىكى دوستۇم ھەر دائىم كۆز ئالدىمدا نامايان بولىدۇ. بۇ قەلەمنى مەن پۇل خەجلىمەستىن ئېرىشكەنلىكىم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى دوستۇمدەك سادىق، ئاقكۆڭۈل چىققانلىقىدىن ئۇنى شۇنچە ياخشى كۆرىمەن. بۇ قەلەم مەن ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە، مەن ئۇنى مەڭگۈ ئاسراپ ئىشلىتىمەن.


       مەنبە: « خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 4-سانى

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز