بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى تولاراق سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ ۋە كۆپ قوزغىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولىدىغان ياشلارمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا 40ياشتىن ھالقىغانلارنىڭ %22 ىدە سۆڭەك ئۆسۈش كېسىلى كۆرۈلىدىكەن.
سۆڭەك ئۆسۈش سۆڭەك قىلتىرىقى ئۆسۈپ قېلىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنى ئادەم بەدىنىدىكى ساق ئەزانىڭ زەخىملەنگەن ئەزانىڭ خىزمىتىنى ئۆتەپ تۇرۇش(كومپېنساتسىيە) فۇنكسىيەسى پەيدا قىلىدۇ. سۆڭەك قىلتىرىقى سۆڭەك ئۈگىسىنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى چەكلەپ، ئۈگىلەرنىڭ سۈركىلىپ زېدە بولۇشىنى ئازايتىپ ۋە ئۈگە ھەرىكىتىنىڭ زىيادە بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدىغان يېڭى زەخىمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۈگىنى مۇھاپىزەت قىلىش رولىنى ئوينايدۇ، بۇ سۆڭەك قىلتىرىقىنىڭ پايدىلىق تەرىپى، ئەمما سۆڭەك ئۆسۈش نۆۋىتىدە سۆڭەك ئۈگىسى ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ ۋە ئۈگىنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەپ قويىدۇ، ئاز ساندىكى ئاغرىقلاردا ئەتراپتىكى قان تومۇرى ياكى نېرۋىنى بېسىۋېلىپ كېسەل پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ پايدىسىز تەرىپى.
ھازىر ئالىملار سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىشنىڭ سەۋەبىنى سۆڭەك ئۈگىسىنىڭ ئۇزاق مۇددەت زورۇقۇشى ھەم ئاستا خاراكتېرلىك چېكىنىشى دەپ قارىماقتا. سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش، ئاساسەن ئېغىرلىق بەكرەك چۈشىدىغان ھەم كۆپرەك ھەرىكەتلىنىدىغان بويۇن ئومۇرتقىسى، بەل ئومۇرتقىسى، يانپاش بوغۇم، تىز بوغۇمى ۋە پۇت ئۆكچىسى قاتارلىق قىسىملارنىڭ ئۈگىلىرىدە كۆرۈلىدۇ. بۇ جايلار ئاغرىغاندا باش قېيىش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىش، پۇت – قول ئۇيۇشۇش، بەدەننىڭ يېرىمى تەرلەش، يېرىمى قۇرغاقلىشىشتەك كېسەل ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇ: بويۇن، بەل ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار ئاپتوموبىلدا ئاپتوموبىل ماڭغان يۆنىلىشكە قاراپ ئولتۇرماسلىقى لازىم، بۇنىڭ سەۋەبى ئاپتوموبىل جىددىي تورمۇزلانغاندا باش تۇيۇقسىز ئالدىغا سىلكىنىپ، سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدە بويۇن، بەل ئومۇرتقىلىرى ئالدى – كەينىگە سۈرۈلۈپ، يۇلۇن ئۈزۈلۈپ كەسمە پالەچ بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتوموبىلدا يېنىچە ياكى يېرىم يېنىچە ئولتۇرۇش لازىم، بۇنداق قىلغاندا ئومۇرتقا ئوڭ – سولغا سىلكىنگەندىمۇ ئېغىر زەخىملەنمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى ئومۇرتقا ئارتېرىيەلىك، نېرۋا يىلتىزلىق، كىرىشمە تىپلىق، يۇلۇن تىپلىق ۋە ئارىلاش تىپلىق دەپ بەش تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بويۇن تىپلىقىغا گىرىپتار بولغۇچىلار ھەرگىز ئۇۋۇلاتماسلىقى لازىم، چۈنكى ھەرقانداق سىرتقى كۈچ تالا ھالقىسىنىڭ يىرتىلىپ كېتىشىنى، يىلىك يادروسىنىڭ پولتىيىپ قېلىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، كەسمە پالەچلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
زېھرىگۈل ئابدۇراخمان تەرجىمىسى