ئەنگلىيە «قوغدىنىش گېزىتى» تورىنىڭ 27-ئاپرېل ئېلان قىلغان دوكلاتى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋە دېموكراتلار ئاكتىپلىق بىلەن يولغا قويغان قورال كونترول قىلىش قانۇنى يېقىندا كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان، نۇرغۇنلىغان مەكتەپلەر بىلەن ئاتا-ئانىلار «ئۆزلۈكىدىن موداپىئە كۆرۈش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېزدىن ئوق ئۆتمەس سومكا، ئوق ئۆتمەس جىلىتكە ۋە ئوق ئۆتمەس يېزىق تاختىسى قاتارلىق بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىماقچى بولغان.
بەش ياشلىق جۇلىيانىڭ ئۆيى فلورىدا ئىشتاتى ئاۋلولا شەھىرىدە بولۇپ، ئۇ ھەر كۈنى بىر دانە سۆسۈن رەڭلىك ئوق ئۆتمەس سومكىنى دۈمبىسىگە ئارتىپ مەكتەپكە بارىدىكەن. بۇ سومكىنىڭ ئادەتتىكى سومكىغا ئوخشىمايدىغان يېرى، سومكىنىڭ تۆۋەن قىسمى جۇلىيانىڭ لېپەك قىسمىغىچە چۈشىدىكەن، ئومۇمىي ئېغىرلىقى ئۈچ قاداق (تەخمىنەن 1.36 كىلوگرام) كېلىدىكەن. ئەمما جۇلىيانىڭ دادىسى دېمتىرى بويجىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئاساسلىقى ئوق ئۆتمەس سومكىنىڭ چوڭ-كىچىك ۋە پۇختىلىق دەرىجىسىگە قاراپ قىزىغا ئېلىپ بەرگەنىكەن.
بۇ ئوق ئۆتمەس سومكىنىڭ ئىچىگە ئوق ئۆتمەس ماتېرىياللار ئىشلىتىلگىنى بولۇپ، سېكۇنتىغا 400 مېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئۇچۇپ كەلگەن توققۇز مىللىمېتىر كالبىرىلىق تاپانچىنىڭ ئوقىنى توسۇپ قالالايدىكەن. بۇ سومكىنى ئىشلەپچىقارغان ئىلىت ستېرلىڭ بىخەتەرلىك شىركىتى ئىلگىرىكى ئىككى ئاينىڭ ئىچىدە بۇنداق سومكىدىن 300 دىن ئارتۇقنى سېتىپ چىقارغان ھەمدە پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسى ئىچىدە 2000 دىن ئارتۇق ئائىلىگە تەۋسىيە قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر شىركەت بىلەن فلورىدادىكى نۇرغۇن مەكتەپ ۋە ئاتا-ئانىلار بۇ بىخەتەرلىك سومكىسىنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىپ، جىددىي ئەھۋال ئاستىدا بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلماقچى بولغان.
مارىللاند ئىشتاتىدىكى ۋۇتىس مەكتىپى 80 دانە ئوقتىن موداپىئە كۆرۈش تاختىسى سېتىۋېلىپ، ھەممە سىنىپلارغا بۇ تاختاينى ئورناتقان. بۇ خىل ئوقتىن موداپىئە كۆرۈش تاختىسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى يېزىق تاختىسىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن، ئەمما كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلىش يولىنى بىلىدىكەن. ئىلىت ستېرلىڭ بىخەتەرلىك شىركىتى يەنە بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان تاشقى كۆرۈنۈشى ھەسەن-ھۈسەنگە ئوخشايدىغان ئوقتىن موداپىئە كۆرۈش تاختىسى ئىشلەپ چىقارغان، بۇنداق تاختاينى سىنىپ ئىشىكىگە ئېسىپ قويغاندا، ئوقنىڭ سىنىپ ئىچىگە كىرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدىكەن.
مىنىسۇدا ئىشتاتىدىكى ئەمەلدار سىكت سىتاسكانىڭ ئېيتىشىچە، ئوق ئۆتمەس يېزىق تاختىسى مەكتەپ ئىلگىرى يولغا قويغان موداپىئە كۆرۈش تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇلار يەنە قۇلۇپ، تېلېكامېرا ۋە جىددىي ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش ئەسلىھەلىرىنى ئورناتقان. ئەگەر تۇيۇقسىز بىرەر مەسىلە كۆرۈلسە، بۇ ئەسۋابلارنى ئېلىپ چىقىپ نەق مەيداندا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 17-ئاپرېل كەڭ كۆلەمدە قورال سېتىۋېلىشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان قورال كونترول قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر تۈرلۈك قارارىغا قارىتا بېلەت تاشلاش ئېلىپ بارغان، بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە 54 ئاۋاز قوللىغان، 46 ئاۋاز قارشى تۇرغان، ئەمما بۇ قارارنى تەستىقلاش ئۈچۈن 60 ئاۋاز قوللاش نىسبىتى تەلەپ قىلىنىدىكەن. ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئىش ئوبامانى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ھەمدە ئۇ بۇنى «نومۇسلۇق بىر كۈن» دەپ ئەيىبلىگەن.
فلورىدا ئىشتاتى ئاۋلولا باشلانغۇچ مەكتپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوق ئۆتمەس سومكىسى