1 . چاچ . چاچ بوياشقا دىققەت قىلىش ، بىر يىلدا چاچ بوياش 12 قىتىمدىن ئىشىپ كەتمەسلىگى كىرەك ،تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشچە ، چاچنى كۆپ بوياش لىمفا ئۆسمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىردىكەن ، شۇڭا چاچ بوياشقا توغرا كەلسە يېرىم يىلدىن ئارتۇق تۇرۇپ قالغان چاچ بوياش مەلھىمىنى ئىشلەتمەسلىك ، ئەڭ ياخشىسى بوياش زۈزۈر ئورۇننىلا بوياپ ،چاچنىڭ ھەممە يېرىنى بوياشتىن ساقلىنىش ، بىشىغا يارا چىققان ، ئاستا خاراكتىرلىق كىسەلگە گىرىپتار بولغانلار ھەمدە ھامىلدار ئاياللار بويىماسلىقى كىرەك .
2 . كۆز . ياشلىق مەزگىلىدە ، ھەيىز مەزگىلى ھەمدە ھەيىز كىسىلىش مەزگىللىرىدە ، قىسمەن ئاياللاردا كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش ئالامەتلىرى كۆرلىدۇ ، بۇنداق چاغدا دىققەت قىلمىغاندا ، ئېغىر ئاقىۋەت كۆرلىشى مۇمكىن ،شۇڭا ئاياللار ئالاھىدە ۋاقىتتا تەركىۋىدە ، ۋىتامىن B بولغان سۈت ، كۆكتات قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بېئىرشى كىرەك .
3 . سۈت بىزى . ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيەسى ، سۈت بىزىگە تەسىر كۆرسۈتۈپ ، سۈت بىزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۋىتىدۇ .شۇڭا كاۋا ، تۇرۇپ ، كۆممە قوناق قاتارلىقلارنى ، كۆپرەك يەپ بەرگەندىن سىرىت ، باغىرداق تاقاشقا دىققەت قىلىش كىرەك .
4 . يۈرەك . بىر يىلدا بەدەن ئىغىرلىقى ئون جىڭ ئىشىپ كەتسە ياكى تۆۋەنلەپ كەتسە دىققەت قىلىش كىرەك ، بولمىسا يۈرەككە تەسىر كۆرسىتىدۇ .