"غەرىبكە ساياھەت" جوڭگۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىردىكى كىلاسسىك ئەدەبىيات ئەسەرلىرىنىڭ ۋە تۆت چوڭ داڭلىق ئەسەر(غەربكە ساياھەت، سۇ بويىدا، قىزىل راۋاقتىكى چۈش، ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە)نىڭ بىرى. جوڭگۇ ۋە چەت ئەللەردە خېلى چوڭ تەسىرگە ئىگە.
بۇ ئەسەردىكى "سۈنۋۇكوڭ"نىڭ قابىلىيتىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ۋە ئۇ توغىرلۇق خېلى جىق مۇنازىرىلەر بولدى ھەم ھەممىزنىڭ كىچىك چېغىمىزدىكى چوقۇنغۇچىمىز.
( چوقۇنمىساقمۇ ھېچ بولمىسا ھەممىمىز بۇ تېلىۋىزىيە تىياتىرىنى ۋە بۇ باش پىرسوناژنى ياقتۇرىمىز) بۈگۈن تور ئارىلاۋىتىپ بۇ يازمىنىڭ خەنزۇچىسىنى كۆرۈپ قالدىم ھەمدە قايىل بولدۇم. شۇ سەۋەب تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويۇش خىيالىمغا كەچتى. ۋاقت ۋە سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولىشى تۈپەيلى بەزىبىر سەۋەنلىكلەردىن خالىي ئەمەسمەن. كەچۈرگەيسىلەر!
"غەربكە ساياھەت" نىڭ ئاپتورى ۋۇچېڭ ئېن ( مىلادىي 1501-1582) بۇ ئەسىرىدە مۇنداق بىر يوشۇرمىنى قالدۇرغان.
__________________________________________________________________
"غەربكە ساياھەت"نىڭ 2000-يىلدىكى نەشىرىدە 4-قىسىمغۇ دەيمەن. سۈنۋۇكوڭ 4-5 قاراقچىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان سەۋەب ئۇستاز-شاگرىت ئوتتۇرسىدا ئختىلاپ كىلىپ چىققان ۋە ئۇستازى ۋۇكوڭنى قوغلىۋەتكەن.( بۇ خېلى بولغان ئىشلارغۇ!) لىكىن مۇشۇ پەيىتتە سۈنۋۇكوڭدىن يەنە بىرى پەيدا بولغان. "ئالتە قۇلاقلىق ماكاكا" سۈنۋۇكوڭ نىڭ سىياقىغا كىرۋىلىپ تاڭشۈەنزاڭنى يارىلاندۇرغان، ھەم ئەسلى سۇنۋۇكوڭ بىلەن يەكمۇ-يەك ئىلىشقانيۇ لىكىن يىڭىش-يىڭىلىش ئايرىلمىغان. مىنىڭچە سىز بۇ "ئالتە قۇلاقلىق ماكاكا" نىڭ قانچىلىك بىڭسى بارلىقىنى بىلىپ بولدىڭىز.
راست-يالغان سۈۋۇكوڭ
شۇندا راست-يالغان "سۈنۋۇكوڭ" ئەرشكە چىققان، پەرشكە چۈشكەن. ئۇستازىنىڭ ئالدىدا چەمبىرەك ئەپسۇنى ئوقۇتقان ھەم ئىككىلىسى "ئاغرىدى" دەپ ئۇستازىدىن ئۆتۈنگەن. تەبىئىيلا راست-يالغان ئايرىلمىغان. ئەرشكە چىقىپ مۇنارچى پەلەكشاھنىڭ جادۇ ئەينىكىمۇ كارغا كەلمىگەن. ئاۋالو كىتسې سۋار مۇ ئۇلارنى پەرق ئىتەلمىگەن. ئاخىرى ئۇلار ياماراجانىڭ ئالدىغا كەلگەن ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ھېلىقى ئاڭلىغۇچى ئاڭلىغاندىن كىيىن:" مەن بىلىپ بولدۇم. لىكىن دىسەم بولمايدۇ" دىگەن ۋە ئاخىرى تاتاگاتانىڭ ھوزۇرىدا "ئالتە قۇلاقلىق ماكاكا" تونۇپ چىقىلغان ۋە سۈنۋۇكوڭ تەرىپىدىن بىر كالتەكتە ئۆلتۈرۈلگەن.
مۇنارچى پەلەكشاھنىڭ جادۇ ئەينىكىمۇ ئۇ ئىككىسىنى ئايرىيالمىغان.
"ئاڭلىغۇچى"(شۇنداق دەپ تۇرايلى) راست-يالغاننى بىلگەن ۋە دىيىشكە ئۇنىمىغان.
"بۇددا يولى چەكسىزدۇر" بۇ گەپتىن بىر نەرسىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ قانداق؟
بۇ پۈتۈن ھېكايە. كۆرۈنۈشكە بەك ئاددىي، مۇكەممەل. ئەمما لىكىن بۇنىڭ ئىچىگە غايەت زور سىر يوشۇرۇنغان.
ئاۋال بىز قىياس قىلايلى: ئۆلگىنى ھەقىيقى سۈنۋۇكوڭ، ھايىتى ماكاكا. بۇ مۇنداقچە دىيىلگەن قۇرۇق گەپ ئەمەس .بۇنىڭ ئاساسى بار.
1- ۋۇكوڭ ۋە ماكاكا ئوپمۇئوخشاش، ھېچكىممۇ ئۇلارنى پەرق ئىتەلمەيدۇ. تاتاگاتا كۆپچىلىكنى ئالداپ ئالتە قۇلاقلىق ماكاكانى ھەقىيقى سۈنۋۇكوڭ دىگەن تەقدىردىمۇ، بۇ يالغان گەپنىڭ تىگىنى پەقەت تاتاگاتالا بىلىدۇ. ھەقىيقى سۈنۋۇكوڭ دەردىنى ئىچىگە يۇتماي ئامالى يوق.
2- ئالتە قۇلاقلىق ماكاكانىڭ تاتاگاتانىڭ ئىشپىيونى بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايتى يۇقىرى. كۆپچىلىككە مەلۇم. سۈنۋۇكوڭ بولسا بىر ئاسىي. لىكىن تاتاگاتا غەربتىكى ئەڭ چوڭ دىكتاتور. سىزنىڭچە بۇ دىكتاتور بىر ئاسىي مايمۇننى بۇ دۇنيادا ياشىغىلى قويارمۇ؟ سۈنۋۇكوڭ بىر بالا ئەمەسمۇ؟ يەنە كىلىپ سۈنۋۇكوڭ تاتاگاتانىڭ ئالدىدىمۇ چىچاڭلاپ سەكرەيدۇ، ئۇنى ھۆرمەت قىلمايدۇ. شۇڭا كىم تاتاگاتانى سۈۋۇكوڭنىڭ كۆزدىن يوقاتمايدۇ دىيەلەيدۇ؟ ئەلۋەتتە قاراپ تۇرۇپ سۈنۋۇكوڭنى ئۆلتۈرۋىتەلمەيدۇ. شۇڭا ئوپمۇ-ئوخشاش يەنە بىر سۈنۋۇكوڭ پەيدا بولغان ۋە سۈنۋۇكوڭنىڭ ئۆلىشىگە ئىسپات ۋە جاۋاب قىلغان.
ئەمدى كىلەيلى:
(1) مەسىلەن ياماراجانىڭ ھوزۇرىدا، ھېلىقى "ئاڭلىغۇچى" يەرگە قۇلىقىنى يىقىپ راست-يالغاننى بىلگەن بولسىمۇ دىيىشكە ئۇنىمىغان( پىتىنالمىغان). دىيىشكە پىتىنالماسلىقى چوقۇم ئككى سۈنۋۇكوڭنىڭ بۇ يەرنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋىتىشىدىن قورققان ئەمەس، بەلكى ئالتە قۇلاقلىق ماكاكانىڭ ناھايتىمۇ كۈچلۈك بىر ئارقا تېرىكىنىڭ بولغانلىقىدۇر. بۇ ئارقا تىرەك دەل تاتاگاتا.
(2) ئككىنچىدىن، "ئاڭلىغۇچى"نىڭ ئىككى سۈنۋۇكوڭنىڭ بۇ يەرنى ئاستى-ئۈستى قىلىشىدىن قورقماسلىقىنىڭ يەنە بىر سەۋەبىنىمۇ ئىسپاتلاشقا بولىدۇ. ھەممىمىز بىلىمىز، نەق مەيداندا سېھرىي جادوسى ناھايتى كۈچلۈك يەنە بىر ئادەم بار. ئۇ دوزاخ ئىلاھى ياماراجامۇ ئەمەس.
بۇ ئادەم بىلەن ياماراجانى سىلىشتۇرغاندا ئاسمان زېمىن پەرق بار. بۇ ئادەم دەل يەرمۇئەككەلشاھىي دارانىي بۇتساتىۋا. دارانىي زادى كىمۇ؟
دارانىي بۇددىنىزىمدىكى تۆت چوڭ بۇتساتىۋانىڭ كاتتىبىشى. ئاۋالو كىتسې سۋارا، مونجۇ ،سەمەندەپاترا قاتارلىقلار بىلەن قۇرداش. مۇشۇنداق يامان ئادەم پەرش ئوردىسىدا تۇرغان يەردە، ئاڭلىغۇچى بۇ ئككى شەپشەك مايمۇننىڭ پەرش ئوردىسىنى ئاستى-ئۈستى قىلىشىدىن قورقۇپ ئولتۇرارمۇ؟
(3) ھەممىمىزگە مەلۇم. سۈنۋۇكوڭىڭ ئۇستازى بودى پىركامىل. ئەمدى پىركامىل كىمۇ؟ بۇ تېلىۋىزيە تىياتىرىنى كۆرگەنلەر بىلىمىز، 72خىل ئۆزگۈرۈش ۋە بۇلۇتتا يۈرۈشنى سۈنۋۇكوڭغا ئۆگەتكەن ئاق چاچ-ساقاللىق تەرىقەتچى پىركامىل. يەنە بىر تىلۋىزىيە تىياتىرى"封神榜"دا بىر يىپ ئۇچى بار بولۇپ بۇنىڭدا "混鲲祖师" نىڭ شاگىرتى دىيىلگەن. دەل كىلىدىغىنى، "混鲲祖师" نىڭ شاگىرىتى سانسىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ رازى بولدىغان ئىككى شاگىرتىنىڭ بىرى تاتاگاتا(يەنە بىر ئىسمى"接引道人")، يەنە بىرى بودى پىركامىل(يەنە بىر ئىسمى"准提道人). دىمەك سۈنۋۇكوڭنىڭ ئۇستازى پىرماكىل ۋە بۇددنىزىم ئاتىسى تاتاگاتا ھەمساۋاق...
مۇلاھىزە قىلساق،"封神榜" نىڭ كىتىۋىدا دىيىلگىنىدە تاتاگاتا ۋە بودى پىركامىل ( بىرى بۇددا دىنىنىڭ ياراتقۇچىسى بىرى تەرىقەتچىلىك دىنىدىكى مۆھتىرەم) ئككى ھەمساۋاق ئاغا-ئىنى ئوتتۇرىدا بىرەر كۈتۈلمىگەن ئىش بولغانمۇ، ئۈن-تىنسىز يوقاپ كەتكەن ۋە شۇندىن كىيىن ئىزدەشمىگەن. دىمەك ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىدا ئاداۋەت بار.
سۈنۋۇكوڭغا كىلەيلى. سۈنۋۇكوڭ بودى پىركامىلنىڭ شاگرىتى. ئەگەر تاتاگاتا ئۆز دۈشمىنىنىڭ شاگىرتنى كۆرسە ھەمدە ئۇنىڭ جاھاننى مالىمان قىلغۇدەك بىڭسى بولسا ، ئۇنى كۆزدىن يوقاتماي نېمىش قىلىدۇ؟
(4) "غەربكە ساياھەت"تە سۈنۋۇكوڭ بودى پىركامىلنىڭ قېشىدا سىھېر-جادۇ ۋە ماھارەت ئۆگەنگەن. ئەكسىنچە، سۈنۋۇكوڭنىڭ دورىۋالغان بۇ ئالتا قۇلاقلىق ماكاكانىڭمۇ سۇنۋۇكوڭغا ئوخشاش سېھىر-جادۇ ماھارەتى بار. ھەتتاكى تەققى-تۇرقى، ئاۋازىمۇ پۈتۈنلەي ئوخشاشمۇ؟ بۇ ئۇدۇل كىلىپ قالغىنىمۇ؟ سۈنۋۇكوڭنىڭ 72 ئۆزگىرىش ۋە بۇلۇتنى موللاق ئىتىپ ئۇچۇرۇشنى بىرنەچچە يىلدا ئۆگەنگىنىنى بىلىمىز. ماكاكانىڭ ئۆگەنمىسىمۇ تۇغۇلۇپلا بۇنچە كارامەت بولۇپ كىتىشىمۇ ناتايىن. سۈنۋۇكوڭدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرەرسى يول كۆرسەتمىسە،تەبئىيكى بودى پىركامىلنىڭ سۈنۋۇكوڭ بىلەن ئۇستاز-شاگرىتلىق مېھرى تۇرسا، ئەجىبا ئۇ يەنە بىر ماكاكانى ئىۋەتىپ سۈنۋۇكوڭغا قارشى تۇرۇپ نېمە قىلار؟
ئەگەر ۋۇكوڭنى نىشان قىلىپ، ماكاكانى ئىۋەتكەن بىرلا ئادەم بار دىيىلسە، ئۇ دەل پىركامىلنىڭ ھەمساۋاق ئاغىسى - تاتاگاتا.
تاتاگاتانىڭ بۇ گىپىدىن قارىماققا ئۇ بەك خوشالمۇ؟
(5) ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكىگە قايتساق ئككى مايمۇن ئۇرۇشقان پىتى تاتاگاتانىڭ ھوزۇرىغا راست-يالغاننى ئايرىشقا كەلگەندە، تاتاگاتا كۆپچىلىككە:" مەن يالغان ۋۇكوڭنىڭ قانداق جانىۋار ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بۇ بىر مايمۇن خىلى بولۇپ، بىر يەردە تۇرۇپمۇ مىڭ چاقىرىم نېرىدىكى ئىشنى بىلەلەيدۇ. ئادەمزات گەپ قىلسا شۇئان ھەممىنى بىلۋالالايدۇ. ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىنى بىلەلەيدۇ. شۇڭا كۆزىتىشكە ئاڭلاشقا ماھىر، جىمى مەۋجۇداتنى پەرق ئىتەلەيدۇ. ھەقىيقى ۋۇكوڭ بىلەن سىياقتا، ئاۋازدا ئوخشاش. ئۇ ئالتە قۇلاقلىق ماكاكا مايمۇنى بولىدۇ".
تاتاگاتانىڭ بۇ گىپىدىن بۇددا مۇرىتلىرى زىمىندا مۇنداق بىر "ئالتە قۇلاقلىق ماكاكا" دىگەن جانلىق بارلىقىنى بىلدى. ئەكسىنچە "غەربكە ساياھەت"نىڭ ئوقۇرمەنلىرى ۋە كۆرۈرمەنلىرى مۇنداق بىر يىپ ئۇچىغا دىققەت قىلمىغان بولشى مومكىن. تاتاگاتانىڭ گىپىچە بۇ مايمۇن بىلەن سۈنۋۇكوڭ ئوخشىمايدۇ. سۈنۋۇكوڭ دىگەن تاش مايمۇن، ئۆزگىرىشچان، كىلىماتنى يەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى بىلىدۇ. بىراق ماكاكا ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىنى بىلەلەيدۇ. جىمى مەۋجۇداتنى پەرق ئىتەلەيدۇ. ۋاھ! نېمىدىگەن يامان... ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن، كەلگۈسىدە يۈز بەرمەكچى بولغان ھەممە ئىشنى بىلەلەيدىكەن.
چىنىپ قالغان يېرى شۇ. ماكاكا كەلگۈسىدە تاتاگاتانىڭ ئۆزىنى باسىدىغىنىنى، ۋۇكوڭدىن كالتەك يەپ جان بېرىدىغىنىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، نېمىشقا بىرىپ ۋۇكوڭ بىلەن راست-يالغان سۈنۋۇكوڭ ئويۇنىنى ئوينايدۇ؟ بۇ ئۆزىنىڭ بىشىغا پىت تېرىغىنى ئەمەسمۇ؟ شۇڭا پەقەت بىرلا ئېھتىماللىق بار. تاتاگاتا بۇرۇنلا بۇ ئىشنى پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان. ئۇنىڭ چۈشەندۇرشى بىلەن كۆپچىلىك ماكاكانى ھەقىيقىي سۈنۋۇكوڭ، سۈنۋۇكوڭنى بولسا ئالتە قۇلاقلىق ماكاكا دەپ قالغان. ھەم قاچماقچى بولغاندا تاتاگاتا تەرپىدىن خىسلەتلىك ئاياغقا باسۇرلۇپ ماكاكا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
ئارىدىكى بىر سۈنۋۇكوڭ تاتاگاتاغا:" مۇرتلىرى..."دىگەن.
سۈنۋۇكوڭنىڭ تاتاگاتاغا "مۇرتلىرى" دىگىنىنى سىز بۇرۇن كۆرگەنمۇ؟
"ماكاكا" كۆز ئالدىدا ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن، قۇچىقىدىن مىھرى-شەپقەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان تاتاگاتادا بىر ئازمۇ رەنجىش كەيپياتى كۆرۈلمىگەن. پەقەت ئككى قولىنى جۈپلەپ:"گۇناھ... گۇناھ!!!" دەپلا تۇرغان. كۆپچىلىك بىلىمىز، تاتاگاتانى ئىلىپ ئېيىتقاندا، "سۈنۋۇكوڭ"بىر كالتەك بىلەن "ئالتە قۇلاقلىق ماكاكا"نى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا توسىۋالىمەن دىسە قانچىلىك ئىش؟ كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى، تاتاگاتا ئەسلىدىن ئۇنىڭ ئۆلىشىنى ئۈمىد قىلغان. يەنە كىلىپ "ماكاكا"نىڭ گۇناھىمۇ ئۇنچىلىك ئېغىر ئەمەس. شۇ "سۈنۋۇكوڭ"نىڭ سىياقىغا كىرۋىلىپ ئازراق جىدەك چىقرىپ قويدى خالاس. بۇ مېھرى شەپقەتلىك بۇددا ئاتىسى ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا ئۆلتۈرۈشكە ئەرزىگۈدەك ئىشمۇ ئەمەس. ئەينى يىللىرى سۈنۋۇكوڭ قۇرۇل قول ئەجدەر ئوردىسى، ئەرش-پەرشنى مالىمان قىلغاندىمۇ تاتاگاتا ئۇنى ئۆلۈمگە بۇيرۇمىغان تۇرسا، "ماكاكا"نىڭ بۇ كىچىككىنە ئىشىغا ئۇنىڭ ئۆلۈشىنىڭ نېمە ھاجىتى...؟ شۇڭا بۇنىڭ ئىچىدە چوقۇم بىر مەخپىيەتلىك بار. يەنى تاتاگاتانىڭ ھەقىيقى مەخسىدى"سۈنۋۇكوڭ"نى ئۆلتۈرۈش. بىر كالتەك بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئالتە قۇلاقلىق مايمۇن ئەمەلىيەتتە ھەقىيقى "سۈنۋۇكوڭ".
(6) كۆپچىلىك ئويلاپ قىلىشى مومكىن. سۈنۋۇكوڭ بۇرۇنلا ھايات-مامات دەپتىرىدىن ئىسمى ئۆچۈرۈلگەن، ھەم شۇنچىلىك كۆپ خىسلەتلىك توغاچ ۋە ئېكسىر ناياچ يىگەن تۇرسا، بۇرۇندىنلا قېرىماي ياشىيالايتغۇ ؟ ھەم ئەۋلىيا پىشۋاسىنىڭ سېھىر-جادۇ ئوچىقىدا تاۋلىنىپ چىققان بەدىنى تۇرسا، قانداقسىگە بۇنداق ئاسان بىر كالتەك بىلەن جان بەرگۈدەك؟ بۇنى بەلكىم تاتاگاتانىڭ ئۆزىلا بىلەر. لىكىن ئويلاپ بىقىڭلار... تاتاگاتا ئەينى يىلى سۈنۋۇكوڭنى تاغنىڭ ئاستىغا باسۇرۇپ ئۇنى قاپساپ قويالىغان يەردە، ئۇنى ئۆلتۈرەلمىسىمۇ چوقۇم سۈنۋۇكوڭنى مەڭگۈگە كۆزگە چىلىقماي ياشىشىغا ئامالى بار.
(7) گەپنى يەنە سۈنۋۇكوڭنىڭ ئۇستازى بودى پىركامىلغا ئىلىپ كىلەيلى. "غەربكە ساياھەت"تە خاتىرلىنىشىچە، سۈنۋۇكوڭ ئەرش ئوردىسىنى مالىمان قىلغاندىن كىيىن، باشقا بىرقاتار ئىشلارنى چىقارغان ۋە تاڭشۈنزاڭغا ئەگىشىپ غەربكە بىرىپ نوم ئىلىپ كىلىش سەپىرىگە ئاتلانغان. قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا بىرىپ بودى پىركامىلدىن ياردەم سورىغان. قايتىپ بارغاندا پىرئۇستاز قارىسىنى كۆرسەتمىگەن.نېمىشقا؟
ئويلاش كىرەككى سۈنۋۇكوڭ پىركامىلدىن ئۆگەنگەن ماھارەتلىرى بىلەن ئەرش ئوردىسىنى مالىمان قىلغاندىن كىيىن، تاتاگاتا 72 ئۆزگىرىش بىلەن بۇلۇتنى چاپتۇرۇشنى سۈنۋۇكوڭ بىر كىشىدىن ئۆگەنگەنلىكىنى ھېس قىلغان. بايام دەپ ئۆتۈپ كەتتۇق، پىركامىل ۋە تاتاگاتا ئوتتۇرسىدا بۇرۇنقى زىددىيتى بار. پىركامىل يوقاپ كەتتى، سۈنۋۇكوڭنىڭ ماھارىتىنى كۆرگەندىن كىيىن چوقۇم پىركامىلدىن ئۆگەنگىننى بىلىدۇ ۋە تەبىئيلا كونا دۈشمىنىنى ئىزدەپ ھېساب ئالىدۇ. لىكىن پىركامىلچۇ؟ سۈنۋۇكوڭنىڭ ئەرشنى مالىمان قىلىپ بالا تېرىشىنى بۇرۇنلا ھېس قىلىپ، كۈتۈلمىگەن جىدەلگە ئارىلىشىپ قىلىشتىن قىچىپ ئىز دىرەكسىز غايىب بولغان.
گەپنى يەنە ياندۇرۇپ كەلدۇق، پىركامىلنىڭ ماھارىتى ھەرگىزمۇ تاتاگاتادىن تۆۋەن ئەمەس.گەرچە تاتاگاتا پىركامىلنىڭ ھەمساۋاق ئاكىسى بولسىمۇ، كىتابتا يېزىلغنى بويىچە مەلۇم بىر بۆلەكتە تاتاگاتا مۇنداق بىر بۆلەك سۆزنى قىلغان:"مەن ئىدارە قىلغان شىنيۇجىياجوۋنىڭ كىشىلىرى ئاچكۆزلۈك قىلمايدۇ، جانغا زامىن بولمايدۇ، ھەممە ئادەم باراۋەر، بۇددىغا تەلپۈنىدۇ (ئىگەم ئۆزى ئەپۇ قىلغاي). گەرچە تەرغىباتتىن كامالىغا يەتكەن بىرەر كىشى چىقمىسىمۇ، ھەممە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ." بۇ "تەرغىباتتىن كامالىغا يەتكەن بىرەرسى چىقمىسىمۇ..."
دىگەن سۆزىدىن پىركامىلنىڭمۇ شىنىيۇجىياجوۋدا تاتاگاتادىن قۇتۇلۇپ كىتەلەيدىغانلىقى، تەرغىىباتتا ئىقتىدار جەھەنتتىن پەرقىلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز.
(8) كۆپچىلىك بايقىغانسىلەر. راست-يالغان سۈنۋۇكوڭ ۋەقەسىدىن ئىلگىرى سۈنۋۇكوڭ پات-پات تاڭشۈنزەڭ بىلەن غېجىرشىپ تۇراتتى. ھەتتاكى شۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبچىسى بولغان قاراقچىنىڭ كاللىسىنى ئالغان يېرىدىمۇ تاڭسېڭ ئەللىك ئېغىزى بىلەن "جانغا زامىن بولما!"دەپ جىكىلىگەن بولسىمۇ ئۆزمەيلىچە ئىش قىلغان ئىدى. ۋەقەدىن كىيىن بۇنداق قوغلاشلار، ئۇستاز-شاگرىت ئوتتۇرسىدىكى ئىختىلاپلار ئۆزىدىنلا يوقاپ، سۈنۋۇكوڭ تاڭشۈەنزاڭنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقماس بولۇپ، ئۇستازىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن جان بېرىشكە تەييار بولۇپ كەتتى.
شۇنىڭدىن ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى ھەقىيقى سۈۋۇكوڭ راست-يالغان مايمۇن پادىشاھ ۋەقەسىدە "ئالتە قۇلاقلىق مايمۇن"نامى بىلەن تاتاگاتا تەرىپىدىن كۆزدىن يوقىتىلغان.
_____________________________________________________________________________________
مەنبە : تېڭشۈن كىيۇكىيۇ تور بوشلۇقى
ئاخىرقى سۆز
"غەربكە ساياھەت" نۇرغۇنلىرىمىز نىڭ بالىلىقىمىزدا شۇنداق خوشاللىق ۋە ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان. بۇ يازمىنى مەن پەقەت بىر توردىشىمنىڭ بوشلۇقىدا كۆرۈپ، ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان بىر پىرسوناژنىڭ مۇشۇنداق ئاقىۋەتتە بولغانلىقىغا بىرخىل ئىچىم سىيىرىلدى. بۇنى بەلكىم باشقا تورداشلىرىمىزمۇ ئويلاپ باقمىغان بولغىيدى. شۇ سەۋەب ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە يوللاپ قويۇش ئىسىتكى بىلەن قولۇمدىن كىلىشىچە تەرجىمە قىلدىم. بۇ توغرىسىدا كەسىپىي ماتىرىيال لۇغەتلەر مەندە بولمىغاچا بەزى كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىشتە ھەقىيقەتەن قىينالدىم.( بۇ مىنىڭ مەدەنىيتىم بولمىغانلىقتىندۇر بەلكىم. يۈسۈپ، ياقۇپ، مۇھەممەد بولغان بولسا ئىدى...) ھەم خەنزۇچە توربەتلەرنى ماتىلاشقا ۋاقىتمۇ يەتمىدى. شۇڭا شۇنداقلا خەنزۇچە يوللاپلا قويدۇم.يوللاشتىن مەخسەت مەن بۇتپەرەسمۇ ئەمەس.پەقەت شۇ ياخشى كۆرىدىغان سۈن ۋۇكوڭ توغرىسىدىن مۇنداق بىر قاراشنى ئويلاپ چىقالمىغىنىمدا، ئەسلى ئاپتۇر بۇ يوچۇقنى تىپىپ چىققىنىغا ئاپىرىن ئېيتىش... تىن يوللىدىم. ياقتۇرمىغانلار كۆرمىگەنگە سالساڭلار. ئېغىزىڭلارنىڭ سۈيىنى ئېقىتىپ مىنى چىشلىمىسەڭلار،رەھمەت!