تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى خەۋىرى:
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ 2015-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 6-ئىيۇل باشلىنىدىغان بولۇپ، 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىشى مۆلچەرلەنگەن، ھەر قايسى تىل، ھەر قايسى تۈركۈملەرنىڭ ھەممىسىدە تور ئارقىلىق يىراق مۇساپىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى توشمىغان ھەر قايسى تۈركۈملەرگە داۋاملىق تۈردە توردا ئاشكارا ئارزۇ توپلايدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئاتا-ئانىلار ۋە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئارزۇ توپلاشقا ئالاقىدار كونكېرت خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئۇچۇرلارنى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى تورى (www.xjzk.gov.cn) ۋە تېڭشۈننىڭ شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش(新疆招生) ئۈندىدار سۇپىسى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارنى ئۆلچەم قىلىشنى ئەسكەرتىدۇ. بۇ يىل شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر تور ئارقىلىق يىراق مۇساپىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش شەكلىنى قوللانغان بولۇپ، باشقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش شەكىللىرى مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار يالغان-ياۋىداق گەپلەرگە ئىشەنمەي، باشقىلارغا ئالدىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ھەر كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20:00دە شۇ كۈنكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەلۇماتلىرىنى «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»غا يوللايدۇ، ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى تورى (www.xjzk.gov.cn) ۋە تېڭشۈننىڭ شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش(新疆招生) ئۈندىدار سۇپىسى(ئۈندىدار نومۇرى: xjzs140304)غا كىرىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى ۋە مەخپىي نومۇرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.